ئامېرىكا دېمكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى ھىلارى كىلىنتوننىڭ بۇنىڭدىن 3 يىل ئىلگىرى سۆزلىگەن بىر يېپىق نۇتقىنىڭ يېقىندا ۋىكىلىكىس تورى ئارقىلىق ئاشكارىلىنىشى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.
ۋىكىلىكىس تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2013 - يىلى 6 - ئايدا ھىلارى كىلىنتون يوقىرى دەرىجىلىكلەر بىلەن بولغان بىر قېتىملىق شەخسىي ئۇچرىشىشىدا مۇنداق دېگەن: «خەلقئارا تەرتىپنى بۇزۇۋاتقان شىمالىي كورىيەدىن ئىبارەت بۇ دۆلەتنىڭ كەينىدە شەك - شۈبھىسىزكى، خىتاي ئارمىيەسى بار. ئەگەردە پىيوڭياڭ ئۆزىنىڭ يادرو قۇرال پىلانلىرىنى توختاتمايدىكەن، بىزنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئارقىلىق خىتاينى قورشاۋغا ئېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.»
ب ب س ۋە ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىلارى كىلىنتون ئاشۇ قېتىملىق سۆزىدە يەنە مۇنداق دېگەن: «شىمالىي كورىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىدىن جەنۇبىي كورىيە بىلەن ياپونىگە زەرەر يەتكۈزۈپلا قالماستىن بەلكى يەنە "نەزەرىيە جەھەتتىن" ئامېرىكىنىڭ ھاۋاي تاقىم ئاراللىرى بىلەن غەربىي دېڭىز قىرغاقلىرىغىمۇ تەھدىت پەيدا قىلىدۇ.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بىز شىمالىي كورىيەنىڭ قىتئەلەر ئارا ئوق بېشى ئېلىپ ماڭالايدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساش پىلانىغا ھەرگىزمۇ تاقەت قىلىپ تۇرالمايمىز. بىز باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش قالقان سىستېمىسى ئارقىلىق خىتاينى قورشاۋغا ئېلىشىمىز ھەمدە تېخىمۇ كۆپ دېڭىز ئارمىيە كۈچلىرىنى بۇ رايونغا ئەۋەتىشىمىز كېرەك.»
ۋىكىلىكىس تورى يەنە ھىلارى كىلىنتوننىڭ «ئەگەر خىتاي جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى پۈتۇنلەي ماڭا مەسۇپ دېسە، ئۇ چاغدا ئامېرىكىمۇ ئۆزىنىڭ تىنچ ئوكيانغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى مۇمكىن،» دېگەن سۆزلىرىنى ئاشكارىلىغان.
ۋىكىلىكىس تورى بۇ ئۇچۇرلارغا ھىلارى كىلىنتوننىڭ سايلام ئىشىغا مەسئۇل دىرېكتورى جون پودېستانىڭ شەخسىي ئېلخەتلىرىنىڭ ئاشكارا بولۇشى بىلەن ئېرىشكەنلىكىنى قەيت قىلغان. ھالبۇكى، ھىلارى كىلىنتون بولسۇن ياكى ئۇنىڭ سايلام گۇرۇپپىسى بولسۇن ھازىرغىچە بۇنىڭغا سۈكۈت قىلماقتىكەن.
