خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىسى بولغان «خىتاي مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» (CCTV) نىڭ «شىنجاڭ باش پونكىتى» قۇرۇلۇپ، ئۈرۈمچىدە يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.
خىتاينىڭ «شىنخۇا تورى» تارقاتقان خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قاتنىشىپ سۆز قىلغان.
ما شىڭرۈي باشچىلىقىدىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا تەيىنلىگەن يوقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، خىتاي مەركىزى رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «شىنجاڭ باش پونكىتى» نىڭ ئېچىلىشى، «شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەمىنلىكىنى تەشۋىق قىلىش، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ھېكايىسىنى تېخىمۇ جانلىق شەكىلدە سۆزلەش» تە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ مەدھىيەلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى يېقىندىلا «شىنجاڭ ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى تېخىمۇ ياخشى بايان قىلىش» مۇھاكىمە مۇنبىرىنى ئۈرۈمچىدە چاقىرىپ، «قانداق قىلغاندا شىنجاڭ ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى تېخىمۇ ياخشى شەكىلدە سۆزلىگىلى بولىدۇ» دېگەن تېما ھەققىدە «خەلق تورى» ، «شىنخۇا تورى» ، «خىتاي خەۋەرلەر تورى» قاتارلىق خىتايدىكى ئون نەچچە چوڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى مەسئۇللىرىنىڭ پىكرىنى ئالغان ئىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتى، غەرب دېموكراتىك ئەللىرىدە كەڭ ئاشكارىلىنىپ، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازى زور دەرىجىدە خۇنۈكلەشكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. ئەمدىلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يۇقىرىقى ھۆكۈمەت ئاخبارات قاناللىرى بىلەن تۈرلۈك تەشۋىقاتلارغا تايىنىپ يوشۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.