پرېزىدېنت بايدېن دائىشنىڭ خۇراسان گۇرۇھىنى ئاگاھلاندۇرغان ۋە ئۇلارنى «بوش قويۇۋەتمەيدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.08.27

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 26-ئاۋغۇست نۇتۇق سۆزلەپ، ئافغانىستاننىڭ كابۇل ئايرودرومىدا يۈز بەرگەن تېرورلىق ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىرىنى بوش قويۇۋەتمەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا بەدەل تۆلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بايدېننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىغا بۇيرۇق چۈشۈرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ «دائىشنىڭ رەھبەرلىرى، ئادەملىرى ۋە ئەسلىھەلىرىگە ھەربى ھەرىكەت قوللىنىش پىلانى تۈزمەكتە» ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 26-ئاۋغۇست ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن ئ‍ۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش خاراكتېرلىك تېرورلۇق ھۇجۇمىدا 13 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈزدىن ئارتۇق ئادەم ئ‍ۆلگەن، يۈزدىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. تېرورلۇق ھۇجۇمىغا دائىشنىڭ خۇراسان گۇرۇھى مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. پرېزىدېنت بايدېن سۆزىدە «بىز تېرورچىلاردىن قورقۇپ قالمايمىز، بىز ئۇلارنىڭ ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىشىمىزغا توسقۇنلىق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز،» دېگەن.

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بىز سىلەرنى ئەپۇ قىلمايمىز، بىز ئۇنتۇپ قالمايمىز. بىز سىلەرنى ئىزدەپ تاپىمىز ھەم بەدەل تۆلىتىمىز.» پرېزىدېنت بايدېننىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ئ‍ۆزىنىڭ ئ‍افغانىستاندىكى قۇتقۇزۇش ھەركىتىنى 31-ئاۋغۇستقىچە داۋاملاشتۇرىدىكەن. ئاقساراينىڭ 26-ئاۋغۇست بىلدۈرۈشىچە، تالىبانلار ئافغانىستاندا ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن بۇيان ئامېرىكا تەرەپ 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئافغانىستاندىن يۆتكەپ بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.