دالاي لاما جامائەتچىلىككە ئۆز سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن

تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدە 3 مىڭ كىشىگە نۇتۇق سۆزلەپ، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن.

تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدە 3 مىڭ كىشىگە نۇتۇق سۆزلەپ، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن.

ئۇ گەرچە ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن سالامەتلىكىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

دالاي لاما ئۆتكەن ئايدا ئامېرىكىنىڭ مىننېسوتا شتاتىنىڭ روچېستېر شەھىرىدىكى مايو كلىنىكىلىق داۋالاش مەركىزىگە كېلىپ، دوۋساق ئاغرىقىنى داۋالاشنى قوبۇل قىلغان.

ئۇ يېقىندا ئۆزىنىڭ روچېستېردىكى داۋالىنىشىنى ۋاقىتلىق توختىتىپ، مىننېئاپولىسقا نۇتۇق سۆزلەش ۋە تىبەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى يېڭى يىلىنى قۇتلۇقلاش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ھەم ئىنگلىزچە، ھەم تىبەتچە سۆزلىگەن نۇتقىدا ئىنسانلاردىكى قىممەت قاراش، ئىنسانىي قەدىرىيەت، مۇھەببەت شۇنداقلا ئالدىنقى ئەۋلاد تىبەتلەرنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى ئانا ۋەتىنى تىبەتتىكى كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىكى مۇقەددەس بۇرچىنى تەكىتلىگەن.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org