فلورىدادىكى ھەمجىنسلەر بەزمىخانىسى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىنكى ئىنكاسلار ھەققىدە توختالغان تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما بۇ سەۋەبتىن مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسىنى تېررورچى دەپ قاراشنىڭ خاتا ئىكەنلىكنى بىلدۈردى.
يەكشەنبە كۈنى فلورىدانىڭ ئورلاندو شەھىرىدىكى بىر كەچلىك بەزمىخانىدا قىرغىنچىلىق يۈز بېرىپ 49 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن، 53 ئادەم يارىلاندۇرۇلغان ئىدى.
ۋەقەدىن كېيىن، بايانات ئېلان قىلغان بۇ نۆۋەتلىك جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنتلىق نامزاتى دونالد ترامپ بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئامېرىكىغا كىرىشتىن توسۇش كېرەكلىكىنى قايتا تەكىتلىگەن.
دۈشەنبە كۈنى رويتېرسنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دالاي لاما ئورلاندودىكى ۋەقەنى «بەك ئېچىنىشلىق تراگېدىيە» دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ بىلەن بارلىق مۇسۇلمانلارنى بىر تاياقتا ھەيدىگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ، «ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشىدىكى سەۋەب نەدە؟» دېيىش ئارقىلىق دونالد ترۇمپنىڭ بۇ باياناتىغا سوئال قويغان.
دالاي لاما يەنە، بۇنداق بەتقىلىق ئادەملەرنىڭ بۇددا دىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق دىندا چىقىپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە «ئەمما ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىسەڭ بولمايدۇ. بەزى ئىندىۋىدۇئال مۇسۇلمانلار بەزى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن، ئەمما بىز ھەممە مۇسۇلمانلار تېررورچى، دېيەلمەيمىز. مەنچە بۇ خاتا» دېگەن.
دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە دالاي لاما ۋاشىنگتونغا جايلاشقان «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تىنچلىق ئىنستىتۇتى» دا دۇنياۋى تىنچلىق بەرپا قىلىش ھەققىدە تەلىم بەرگەن ئىدى.
يەكشەنبە كۈندىكى ھۇجۇمنى ئافغانىستان نەسلىدىن بولغان ئۆمەر مېتىن ئىسىملىك مۇسۇلمان ياش ئېلىپ بارغانلىقى، ئۇنىڭ تېررورنى ياقلايدىغانلىقى ۋە ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئىككى قېتىم تەكشۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ھالبۇكى، ئابچ خەۋەرلەر تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۆمەرنىڭ بۇرۇنقى ئايالى ساتورا يۈسۈفى ئۆمەرنىڭ بىر روھىي كېسەل ئىكەنلىكىنى، ھەمجىنسلەرنىڭ مۇھەببەتلىشىشىگە قاتتىق ئۆچلۈكىنى بىلدۈرگەن.
ساقچىلار ئۆمەرنى نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلىغان. شۇنىڭ بىلەن ۋەقەدە ئۆلگەنلەر سانى 50 كە يەتكەن ئىدى.
