ئامېرىكا پرېزىدېنت ئوباما چارشەنبە كۈنى تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن ئاقسارايدا كۆرۈشۈپ، خىتاينىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا پىسەنت قىلمىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئوبامانىڭ دالا لاما بىلەن كۆرۈشۈشى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاق ساراي ئوبامانىڭ ئوباما دالاي لاما بىلەن چارشەنبە كۈنى ئاقساراينىڭ خەرىتە ئىشخانىسىدا كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەمما كۆرۈشۈشنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئۇچۇر بەرمىدى.
ئوباما دالاي لاما بىلەن ئۆتكەن قېتىم 2014-يىلى كۆرۈشكەن. بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈش پرېزىدېنتلىق ۋاقتى توشۇشقا 6 ئاي قالغان ئوبامانىڭ پرېزىدېنت سۈپىتىدە مەزكۇر تىبەت باش راھىبىنى ئاخىرقى قېتىم كۈتۈۋېلىشى بولۇپ قالىدۇ.
دالاي لاما دۈشەنبە كۈنى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، ئوبامانى «ئۇزۇن يىللىق دوستۇم» دېگەن. ئۇ يەنە، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ كۇبا، ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرغانلىقىغا، يېقىندا ۋىيېتنام ۋە ياپونىيەنىڭ خىروشىما شەھىرىنى زىيارەت قىلغانلىقىغا قاتتىق قايىل بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
لېكىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇ كاڭ چارشەنبىلىك ئاخبارات يىغىنىدا، ئاقسارايدىكى ئۇچرىشىش «بۆلگۈنچى كۈچلەر»گە ئىلھام بېرىدۇ، دەپ تەنقىد قىلغان. ئۇ، «ئەگەر ئامېرىكا بۇ كۆرۈشۈشنى پىلانلىغان بولسا، ئۇ، تىبەت مۇستەقىلچىلىرىگە ۋە بۆلگۈنچىلىرىگە خاتا سىگنال بېرىدۇ. ئامېرىكا-خىتاي كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ» دېگەن.