خىتاي پرېزىدېنت ئوبامانىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى«خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىق» دەپ تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.06.16

15-ئىيۇن چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن ئاقسارايدا كۆرۈشكەندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 16-ئىيۇن پەيشەنبە كۈنى تەكرار نارازىلىق باياناتى بېرىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى «جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىق» دەپ تەنقىد قىلدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇ كاڭ پرېزىدېنت ئوباما بىلەن دالاي لامانىڭ بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ،«بۇ خىل ئۇچرىشىش جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆز-ئارا ئىشەنچىگە ۋە ھەمكارلىقىغا زەرەر يەتكۈزىدۇ» دېگەن.

لۇ كاڭ يەنە دالاي لاما تەشەببۇس قىلىۋاتقان «ئوتتۇرا يول سىياسىتى»نى «تىبەت مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلغانلىق» دەپ ئەيىبلىگەن.

خەلقئارا تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما چارشەنبە كۈنى تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن ئاقساراينىڭ خەرىتە ئىشخانىسىدا كۆرۈشكەن. ئەمما كۆرۈشۈشنىڭ مەزمۇنى ۋە تەپسىلاتى ئاشكارىلانمىغان ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇ كاڭ چارشەنبە كۈنىدىكى سۆزىدە يەنە ئاقسارايدىكى ئۇچرىشىش «بۆلگۈنچى كۈچلەر» گە ئىلھام بېرىدۇ، دەپ تەنقىد قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.