خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئوبامانىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان

ئىگىلىنىشىچە، 16-ئىيۇندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ ئاقسارايدا تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان.

خەلق تورىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 15-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما دالاي لامانى ئاقسارايدا كۈتۈۋالغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا «دالاي لاما ‹قارتا ئۆيى› دىن چىقالمىدى»، «ۋاشىنگتوندا بىر مەيدان سىياسىي ئويۇن قويۇلدى» قاتارلىق خەۋەر ۋە ئوبزورلار ئېلان قىلىنغان.

بۇ ھەقتىكى خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ، ئوبامانىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە دالاينى تۆتىنچى قېتىم قوبۇل قىلىشى. بۇلتۇرقى ئاقساراينىڭ ‹ناشتىلىق دۇئا-تىلاۋەت يىغىلىشى› دا كۆرۈشكىنىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا، ئىككىيلەن جەمئىي بەش قېتىم كۆرۈشكەن بولۇپ، بىل كىلىنتون ياراتقان ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ دالاينى ئالتە قېتىم كۈتۈۋېلىش رېكورتىغا تەڭلەشكەن. بىراق، جۇڭگولۇقلارنىڭ قارىشىچە، بۇنداق رېكورت ئۇنچە شەرەپلىك ئەمەس.»

خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «دالاينىڭ ئامېرىكىغا پات-پات زىيارەتكە كېلىشىدە مەيلى قانداق بايراقنى كۆتۈرگەن، قانداق نىقابلانغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ پەقەت بىرلا سىياسىي مەقسىتى بار. ئۇ بولسىمۇ تىبەت مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ۋە جۇڭگوغا قارشى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت، خالاس.»

خەۋەردە يەنە ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرىنىڭ دالاي لامانى پات-پات قوبۇل قىلىشى، مەيلى قانداق ‹تۆۋەن مۇقام› ياكى ‹غەيرىي رەسمىي كۆرۈشۈش› بولسۇن ۋە ياكى ‹سىياسىينى تىلغا ئالماي پەقەتلا دىن ۋە مەدەنىيەت ئۈستىدە سۆھبەتلىشىش› بولسۇن، تۈپ نېگىزىدىن ئالغاندا، ئامېرىكا دالاي لامانى بىر سىياسىي شاھمات قىلىۋاتىدۇ، خالاس.»

كۆزەتكۈچىلەر، گەرچە خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلىرىدا ئوبامانىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە مەنسىتمىگەندەك بىر مۇقامنى ئىپادە قىلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن ئىشلەتكەن سۆز-ئىبارىلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ «قورساق ئاغرىقى» نى چاندۇرۇپ قويدى، دەپ قارىماقتا.