خىتاي، دالاي لامانىڭ قىلغۇسى تەيۋەن زىيارىتىگە قارىتا نارازىلىق بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.09.14

تەيۋەننىڭ ئىككى نەپەر قانۇن پالاتا ئەزاسى مۇشۇ ئاينىڭ 3 ‏-كۈنى دارىمسالادا تىبەت دىنىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇنى تەيۋەننى قايتا زىيارەت قىلىشقا ۋە تەيۋەن پارلامېنتىدا سۆز قىلىشقا دەۋەت قىلغان ئىدى.

بۈگۈن خىتاينىڭ تەيۋەن خىزمەت ئىشخانىسى باياناتچىسى ما شياۋگۇاڭ بۇ ھەقتە پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، خىتاي تەرەپنىڭ دالاي لامانىڭ تەيۋەندىكى ھەرقانداق شەكىلدىكى پائالىيىتىگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە «تەيۋەندىكى بەزى كۈچلەر تىبەت بۆلگۈنچلىرى بىلەن ھەمنەپەس بولۇشۇپ قەستەن ئىش چىقارماقچى بولۇۋاتىدۇ» دېگەن ۋە بۇنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى ھەققىدە تەيۋەن تەرەپنى ئاگاھلاندۇرغان.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، دالاي لامانى تەيۋەنگە تەكلىپ قىلغان ئىككى نەپەر تەيۋەن پالاتا ئەزاسىدىن بىرى تەيۋەن دەۋر كۈچى پارتىيەسىدىن لىن چاڭزۇ، يەنە بىرى دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسىدىن گۇ لاسى بولۇپ، بۇلارنىڭ تەكلىپىدىن كېيىن تەيۋەن پارلامېنت رەئىسىمۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ، دالاي لامانىڭ تەيۋەن زىيارىتىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى، چۈنكى تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلارغا ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.