دالاي لاما «يەر شارىدا تىنچلىقنى ساقلاش ۋە تېررورىزمغا تۈگىتىش ئۈچۈن مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ يولىغا ئەگىشىش كېرەك»، دېگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-01-11
Share

ھىندىستاندا چىقىدىغان «كارناتاكا مۇسۇلمانلىرى» گېزىتى ئالدىنقى كۈنى تىبەتلەرنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لامانىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى ساقلاشتا مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ يولىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدىكى سۆزىنى باسقان.

دالاي لاما بۇ سۆزنى يېقىندا ھىندىستاننىڭ مىسورې شەھىرىدە چاقىرىلغان بۇددىزم مۇرىتلىرىنىڭ دۇنياۋى ئۇچرىشىشىغا قاتناشقاندا ئېيتقان.

ئۇ «كارناتاكا مۇسۇلمانلىرى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن: «مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ھاياتى پۈتۈن ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى بىر ئۈلگە. دۇنيا تىنچلىقىنى ساقلاش، زومىگەرلىكنى يوقىتىش ۋە تېررورىزمنى تۈگىتىشتە بىز چوقۇم مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ تۇتقان يولىغا ئەگىشىشىمىز كېرەك.»

دالاي لاما يەنە مۇنداق دېگەن: «قۇرئان كەرىم - بىر مۇقەددەس كىتاب شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ئىنسانىيەتكە ئاتا قىلغان قىممەتلىك سوۋغىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ياخشىلىققا ھەم ئاسايىشلىققا يېتەكلەيدۇ. مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ تىنچلىق، مۇھەببەت، ھەققانىيەت ۋە باشقا دىنلارنىڭمۇ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى قوبۇل قىلىدىغان كۆرسەتمىلىرى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ھەرۋاقىت ماياك بولۇپ كەلمەكتە.»

دالاي لامانىڭ ئىسلام دىنى ۋە مۇھەممەد پەيغەمبەر ھەققىدە ئېيتقان ھۆرمەت سۆزلىرى «كارناتاكا مۇسۇلمانلىرى» گېزىتى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى ئىسلام تاراتقۇلىرىدا كەينى - كەينىدىن ئۇلاپ بېسىلماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت