H&M قاتارلىق داڭلىق ماركىلىق كىيىم-كېچەك شىركەتلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى پاختا مەھسۇلاتىغا چېتىشلىق مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى تۈپەيلىدىن خىتاينى ئەيىبلىگەن ۋە بۇنىڭغا چېتىشلىق مال تەمىنلەش زەنجىرىدىن ئالاقىسىنى ئۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ھۆكۈمەت تەشۋىقاتىغا ماسلاشقان خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن بايقۇت قىلىشقا ئۇچرىغانىدى.
«ۋال سترېت ژۇرنىلى» نىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، H&M شىركىتى خىتاينىڭ چىشىغا تېگىپ قويغاندىن كېيىن، بۇ شىركەتنىڭ خىتايدىكى تور تىجارىتى بېتى ئېچىلمىغان، خىتايدىكى 500 دۇكىنىدىن 20 سى تاقالغان. H&M خىتاي بازىرىدا قاتتىق چەكلىمىگە ۋە زىيانغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ZARA، Calvin Klein قاتارلىق داڭلىق ماركىلىق كىيىم شىركەتلىرى دەرھال مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئەيىبلەيدىغان باياناتلىرىنى ئۆچۈرگەن ياكى ئۆزگەرتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مودا كىيىم-كېچەك، ماشىنا ۋە ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى ساھەسىدە تەرەققىي قىلغان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئۈچ داڭلىق شىركەت مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە خىتاينى رەنجىتىپ قويۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە خىتاي يەنىلا ئەڭ چوڭ بازار ئىكەن.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى تەنقىدلەۋاتقان «ئېسىل پاختا ھەرىكىتى» (BCI) تەشكىلاتىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ تەشكىلاتقا ئەزا H&M، Nike، Adidas قاتارلىق شىركەتلەرگە بېسىم قىلىپ، ئۇلارنى قىيىن تاللاشقا دۇچار قىلغان. بۇ تەشكىلاتقا ئەزا VF، North Face، Vans شىركەتلىرى «H&M نىڭ ئاقىۋىتى» دىن ئەنسىرەپ قالغان، VF شىركىتى ئۆز تور بېتىدىن خىتاينى ئەيىبلەيدىغان كىشىلىك ھوقۇق باياناتنامىسىنى ئۆچۈرۈۋەتكەن. ئارقىدىنلا بۇ شىركەتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى بۇ مەسىلىنى قايتا ئويلاشقان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، VF شىركىتىنىڭ بىر كۈندە نەچچە قېتىم ئۆزگىرىشى ئەمەلىيەتتە كۆپلىگەن شىركەتلەردە مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئەھۋال بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى مەسىلىسىدە، توغرىسىنى ئېيتقاندا، ۋىجدان بىلەن مەنپەئەت مەسىلىسىدە ھەقىقەتەن قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلمەكتىكەن.
