ئۈرۈمچىدە تۇنجى قېتىم مەخسۇس دارۋازلارنى تەربىيىلەش كۇرسى ئىش باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.07.03


ئۇيغۇر رايونىدا تۇنجى قېتىم خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلەغ ئاجرىتىشى بىلەن دارۋازلارنى مەخسۇس تەربىيىلەش كۇرسى قۇرۇلۇپ، ئوقۇش باشلىدى.

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى دارۋازلىقى بويىچە ياش ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش كۇرسى»دەپ ئاتالغان مەزكۇر كۇرسنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى 1 - ئىيۇل ئۈرۈمچىگە جايلاشقان «شىنجاڭ سەنئەت يۇرت»ىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خەۋەر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر كۇرسقا 30 ئوقۇغۇچى تاللانغان.

ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ نازىرى مۇختەر مەخسۇت، ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت يۇرتى قارىمىقىدىكى سېرك ئۆمەكنىڭ باشلىقى ئەنۋەر مۇھەممەد قاتارلىقلار قاتنىشىپ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەنئەنىۋى دارۋازلىق تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، ئادىل ھوشۇر، ئابلا مەجۇن قاتارلىق ئۇيغۇر دارۋازلىرىنىڭ كۆپ قېتىم پۈتۈن خىتاي ۋە خەلقارالىق ماھارەت كۆرسىتىش سورۇنلىرىدا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سېرك ئۆمىكى 2015 - يىلى خىتاي دۆلەتلىك سەنئەت فوندىغا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى دارۋازلىقى بويىچە ياش ئىختىساسلىقلارنى مەبلەغ ياردىمى بىلەن يۆلەش تۈرىگە كىرگۈزۈشكە ئىلتىماس سۇنغاندىن كېيىن، 2016 - يىلى تەستىقلىنىپ، مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ بېرىلگەن. نەتىجىدە، مەزكۇر دارۋازلارنى تەربىيىلەش كۇرسىغا پۈتۈن خىتاي بويىچە تىزىملاش ئېلىپ بېرىلىپ، ھەر قايسى جايلاردىن تىزىملاتقان 500 دىن ئارتۇق ئادەمدىن 30 ئادەم تاللانغان.

سېرك ئۆمەك باشلىقى سۆزىدە مەزكۇر دارۋازلىق تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ تۇنجى قېتىم دۆلەت مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن سىستېمىلىق تەشكىللەنگەن دارۋازلىق كۇرسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما خەۋەردە مەزكۇر تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ۋە پائالىيەتلىرىدە ئاتاقلىق دارۋاز ئادىل ھوشۇر قاتارلىق مەشھۇر دارۋازلارنىڭ قانداق ۋەزىپىلەردە بولىدىغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق ئۇچۇر ئورۇن ئالمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، «پەلەك شاھى» دەپ نام ئالغان مەشھۇر دارۋاز ئادىل ھوشۇر ئۆزى مەخسۇس دارۋازلارنى تەربىيىلەپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ تەربىيىلىگەن ئۇنىڭ شاگىرتلىرى كۆپ قېتىم نەتىجە قازانغان ئىدى. ئادىل ھوشۇر بۇ يىل 3 - ئايدا رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەتتىن ئۇيغۇر دىيارىدا مەخسۇس دارۋازلىقنى ئاساس قىلغان سىرىك مەيدانى قۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى سۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.