داخۇا شىركىتى ياسىغان يۈز تونۇش يۇمتالىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغانلىقى ئاشكارىلىنىپ قالغان

خىتاينىڭ داخۇا تېخنولوگىيە شىركىتى ياسىغان يۈز تونۇش يۇمتالىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغانلىقى ئاشكارلىنىپ قالغان. «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا بۇ شىركەت ئۆزى ياسىغان بىر خىل يۈز تونۇش يۇلتالىنى ئۆزىنىڭ تورىغا قويۇپ تونۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بۇ يۇمتالنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭمۇ يۈزىنى تونۇيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇ يۇمتال دەرھال چەتئەل تور مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، 1-نويابىر تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغان. بۇنىڭ بىلەن داخۇا شىركىتى 2-نويابىر بۇ يۇمتالنى دەرھال توردىن چىقىرىۋالغان.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى»گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇلار 3-نويابىر كۈنى بۇ يۇمتال تورغا قايتا قويغان بولۇپ، بۇ قېتىم يۇمتالنىڭ ئېتنىك كىملىكنى تونۇش قىسمى چىقىرىۋېتىلگەن. داخۇا شىركىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ھەمكارلىشىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى تەقىب قىلىشىغا ياردەم بېرىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن خىتاي تېخنولوگىيە شىركەتلىرىنىڭ بىرى.

شۇ سەۋەبلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2019-يىلى مەزكۇر شىركەتنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ ئامېرىكا تېخنىلوگىيەسىگە ئېرىشىشىنى چەكلىگەن. لېكىن خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، داخۇا شىركىتى ئۆزلىرىنىڭ ئېتنىك كىملىك ئايرىيدىغان يۇمتال ياساپ ساتقانلىقىنى رەت قىلغان. بۇ شىركەت ئىلگىرىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ياردەملەشكەنلىكىنى رەت قىلغانىدى. «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى»گېزىتىنىڭ تەكىتلىشىچە، مۇستەقىل تور بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرى بۇ يۇمتالنىڭ كىشىلەرنىڭ ئېتنىك تەۋەلىكىنى ئايرىيالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.