خىتاينىڭ 1949-يىلدىن بېرى يۈرگۈزۈپ كەلگەن «ئاز سانلىق مىللەتلەر» سىياسىتىدىن تېز ۋاز كېچىپ، خىتاي مىللىتى ئاساسىدىكى بىر قۇتۇپلۇق مەدەنىيەت كىملىك پەيدا قىلىش يولىغا قاراپ تېز ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ يېقىندا تۈزگەن بىر ئالىي مەكتەپلەر دەرسلىك كىتابىدا، ئۇنىڭ 1949-يىلىدىن بېرى يۈرگۈزۈلۈپ كەلگەن «ئاز سانلىق مىللەتلەر» سىياسىتى رەسمىي تەنقىد قىلىنغان. بۇ سىياسەتنىڭ ئاتالمىش «ئېتنىك پەرقلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقى، تار دائىرىدىكى ئېتنىك تۇيغۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ، …. . ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خاسلىقى تەرغىب قىلىنغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، «جۇڭخۇا مىللىتى قوۋمىغا كىرىش» ناملىق بۇ يىل 2-ئايدا نەشر قىلىنغان بۇ دەرسلىك كىتاب پات يېقىندا خىتاي ئالىي مەكتەپلىرىدە رەسمىي دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلىدىكەن.
بۇ كىتابتا مىللەتلەر مەسىلىسىگە ئائىت بەزى ھالقىلىق ئۇقۇملارغا قايتا چۈشەنچە بېرىلىپ، خىتاينىڭ شى جىنپىڭ دەۋرىدە كۈچەيتىلگەن خىتايدىكى مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇش سىياسىتى ئاقلىنىپ، بۇرۇنقى «ئازسانلىق مىللەت»، دېگەن ئاتالغۇ «بارلىق ئېتنىك گۇرۇپپىلار» دېگەن نامغا ئۆزگەرتىلگەن. كىتابتا يەنە خىتاينىڭ مىللەتلەرنى قوشۇۋېتىش سىياسىتىنى ھەقلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن غەربتىكى سىياسىي پارچىلىنىشمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ دەرسلىك كىتابىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2014-يىلى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» بەرپا قىلىش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدىن بېرى، خىتاينىڭ مىللەتلەرنى قوشۇۋېتىش سىياسىتى ئەڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلغانىكەن. دەرسلىك كىتابتا يەنە 1970-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن كېيىن، غەرب يېڭى لىبېرالىزمىنىڭ تەسىرىدە «ئېتنىك كىملىك ۋە ئېتنىك مەدەنىيەت كىملىكىنى ئاساس قىلغان ھەر قايسى ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ زىددىيىتى داۋاملىق كۈچەيگەنلىكى، ئىرقىي ۋە ئېتنىك جىددىيلىكنىڭ پەۋقۇلئاددە ئارتقانلىقى» تەكىتلەنگەن. «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» نى بەرپا قىلىش پىلانى شى جىنپىڭنىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان خىتايچىلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ يادرولۇق نۇقتىلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلدى. شى جىنپىڭ 2021-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق يىغىندا، «جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭى بەرپا قىلىش بارلىق ئازسانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ يادروسى بولۇشى كېرەكلىكى» نى ئېيتقان.
