دەررىن بايلېر: «خىتاينىڭ ئۆز ئىچىدىكى مۇسۇلمانلارغا قوزغىغان يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۇرۇشى»

2019-04-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈش خاراكتېرلىك مۇھىم ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكالىق ئانتروپولوگىيە تەتقىقاتچىسى دەررىن بايلېر «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ھەققىدە يەنە بىر پارچە چوڭ ھەجىملىك ماقالە ئېلان قىلدى.

«خىتاينىڭ ئۆز ئىچىدىكى مۇسۇلمانلارغا قوزغىغان يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۇرۇشى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىشتە ھازىرقى يۇقىرى پەن-تېخنىكىدىن قانداق پايدىلانغانلىقى، قانداق تېخنىكىلارنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ ھەربىر ھالقىلىرىنى كونتروللۇق ئاستىغا ئالغانلىقى، قانداق ئۆلچەملەر بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرغا يوللانغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە تەپسىلىي مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن.

ئۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان بۇنداق يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسىنىڭ خىتاينىڭ تېخنىكا بازىرى ئۈچۈن بىر سىناق مەيدانى ۋە شۇنداقلا ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى خەلقئارا بازارغا سېلىشتىكى ئېلان بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ يەنە رايوندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە قارىتا ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشلىرىنىمۇ سېلىشتۇرۇپ چىققان. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ سۆزلەشكەن خىتايلار رايوندا خىتاي مەدەنىيىتىنى زورلاپ تېڭىش، ئىسلام دىنىنى چەكلەش قاتارلىق سىياسەتلەردىن قاتتىق پەخىرلىنىش بىلەن بىرگە رايوندا بەرپا قىلىنغان يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىلىرىنى غايەت زور غەلىبە، دەپ قارايدىكەن.

ھالبۇكى، يەنە بىر ئىسمى «داۋۇت» دەپ ئېلىنغان بىر ئۇيغۇر بولسا دەررىن بايلېرغا يۇقىرىقى بۇ تەقىب سىستېمىلىرىنىڭ نۇرغۇن ئۇيغۇرنى يۇتۇپ كەتكەنلىكىنى، خىتاي ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت سانلىق مەلۇماتتىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىنسانلىقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ھېچ بىر قىممەتنى ئىپادە قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە «ئۇيغۇرلار ھازىر ھايات، بىراق ئۇلار خۇددى يەنە بىر ئالەمدە ياشاۋاتقان ئەرۋاھلارغىلا ئوخشاپ قالدى،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت