خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى دەرسلىك كىتابلىرى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپلىرىگە كىردى

2020-12-01
Share

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە «دۆلەت دەرىجىلىك تۈمەن كەسىپ» ۋە «ئۆلكە دەرىجىلىك تۈمەن كەسىپ» نامىدا ئالىي مەكتەپلەردىكى كەسىپ تۈرلىرى ئۈچۈن ئىشلىنىۋاتقان يېڭى بىر يۈرۈش دەرسلىك كىتابلار يېقىندا رەسمىي تارقىتىلغان. «بېيجىڭ گېزىتى» نىڭ 1-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن تۈزۈلگەن 19 خىل دەرسلىك كىتابلىرىمۇ بار ئىكەن.

خەۋەردە بۇ قېتىم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرسلىرى ئۈچۈن تۈزۈلگەن بۇ بىر يۈرۈش دەرسلىك كىتابلارنى تەييارلاشقا بىر تۈركۈم خىتاي ئاكادېمىكلارنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، بۇ دەرسلىك كىتابلارنىڭ ئىدىيەۋى جەھەتلەردىمۇ ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكى ئېيتىلىدۇ. بۇ ھالنى بەزى ئانالىزچىلار تەنقىدلەپ «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز سىياسىي ئ‍ئېھتىياجى ئاساسىدا دەرسلىك ماتېرىياللىرى تەييارلاش ھەمدە بۇنى مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلارغا مەجبۇرىي تېڭىپ، ئۇلارنى يېڭى ماڭقۇرتلارغا ئايلاندۇرۇش ئۇرۇنۇشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل قوللىنىلىپ كېلىنگەن بىر يۈرۈش دەرسلىك كىتابلارنى 2016-يىلىدىن باشلاپ «ئەكسىيەتچىل ئىدىيەلەر بىلەن سۇغۇرۇلغان» دەپ ئەمەلدىن قالدۇرغان ھەمدە بۇ كىتابلارنى تۈزۈشكە قاتناشقان كۆپلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى قاماققا ئالغانىدى. ئەمدىلىكتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي مەۋقەسىگە ئۇيغۇنلاشقان يېڭى دەرسلىك كىتابلارنىڭ ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپلىرىگە كىرىشى بۇنىڭدىكى مەقسەتلەرنى تېخىمۇ ئوچۇق ئىپادىلىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت