«دېسپاسىتو» نىڭ تەمبۈر بىلەن ئورۇنلانغان نۇسخىسىنىڭ ۋىدىيوسى 2 مىليون قېتىمدىن ئارتۇق چېكىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-08-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

پورتېرىكالىق ناخشىچى لۇيىس فونسى تەرىپىدىن ئورۇنلانغان «دىسپاسىتو» دېگەن ناخشىنى تەمبۈر بىلەن ئورۇنلاپ چىققان ئۇيغۇر ياشنىڭ ۋىدىيوسى 2 مىليون قېتىمدىن ئارتۇق چېكىلگەن.

«دىسپاسىتو» دېگەن ناخشا بۇ يىل يانۋار ئېيىدا بازارغا كىرگەندىن بۇيان پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا قاتتىق ئالقىشقا ئېرىشىپ، ئەڭ مودا ناخشىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇ ناخشىنىڭ ھەر خىل ئۇسلۇبتا ئېيتىلغانلىرىمۇ يېيىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇنى دۇنياغا داڭلىق ناخشىچى جۇستىن بىبېرمۇ ئۆزگەرتىپ ئېيتقان ئىدى.

خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقتى گېزىتىدىكى خەۋەردىن قارىغاندا، «شىنجاڭ سەنئەت ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ ئوقۇغۇچىسى رەپقەت رىشات جۇستىن بىبېردىن بۇ ناخشىسىنى ئاڭلاپ، ئۇنى تەمبۈر بىلەن ئورۇنلاپ 7-ئاۋغۇست كۈنى مياۋپەي(miaopai) تورىغا قويغان. مەلۇم بولۇشىچە، قىسقىغىنە 3 كۈن ئىچىدە ئۇنىڭ ۋىدىيوسى 2 مىليون 210 مىڭ قېتىم كۆرۈلگەن. رەپقەت رىشات بۇنىڭدىن ئۆزىنىڭمۇ ئىنتايىن ھەيران بولغانلىقىنى ئېيتقان.

«دىسپاسىتو» نى كانادادا ياشايدىغان ھەم دېسنىي ئىشلىگەن «زۇتوپىيە» ناملىق كارتون فىلىمىنىڭ خىتايچە نۇسخىسىنىڭ ناخشىسىنى ئورۇنلىغان خىتاي ناخشىچى سوفى چېنمۇ ئۆزگەرتىپ ئېيتقان، ئەمما ئۇنىڭ ۋىدىيوسىنىڭ چېكىلىش سانى رەپقەتنىڭكىدىن كۆپ تۆۋەن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت