تونىي پېركىنس: «دىلشاتنىڭ ھېمايىچىلىقىنى مەن قىلىمەن!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-07-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى تونىي پېركىنس 2-ئىيۇل كۈنى ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلاردىن دىلشات پەرھات ئاتاماننىڭ ھېمايىچىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «دىلشات پەرھات ھازىر خىتاينىڭ لاگېرلىرىغا قامالغان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە ۋە ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇققا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى توختىشى لازىم» دېگەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەزكۇر كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن تېنزىن دورجې مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ۋىجدان مەھبۇسلىرىدىن گۈلمىرە ئىمىننىڭ ھېمايىچىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان ئىدى.

دىلشات ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئوقۇرمەنلەر سانى ئەڭ كۆپ بولغان تور بېكەتلىرىدىن «دىيارىم» تورىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىگەن. 2009-يىلى خىتاي دائىرىلىرى ئەمدىلا 27 ياشقا كىرگەن دىلشاتنى قولغا ئالغان ۋە بەش يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغان. 2018-يىلى ئۇ يەنە بىر قېتىم قولغا ئېلىنغانچە ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولمىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت