چەتئەللەردىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىگە قارىتىلغان چەكلىمىلەرنى ئەيىبلىمەكتە

دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ناماز ئوقۇشى ۋە روزا تۇتۇشىغا قاراتقان چەكلىمىلەرنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار يېقىندىن بۇيان فەيسبوك، تىۋىتىر، ئۈندىدار قاتارلىق ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە بارغانچە كۆپەيگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنىڭ تۈرلۈك چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەر خەلقئارادىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىنىڭ مۇنازىرە تېمىلىرىغا ئايلاندى.

يېقىندا فەيسبوك تورىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسى تەرىپىدىن 8-ئىيۇل كۈنى چىقىرىلغان «دوختۇرخانىدا ناماز ئوقۇشنى چەكلەش ئۇقتۇرۇشى» نىڭ فوتو رەسىمى تارقىتىلغاندىن كېيىن، ئۇقتۇرۇشتىكى «ھەرقانداق كىشىنىڭ دوختۇرخانىدا ناماز ئوقۇشىغا، دوختۇرخانىغا يۈزىنى ئورىغان ئاياللارنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ» دېگەندەك بەلگىلىمىلەر تورداشلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.

تور بېكەتلىرىدە يەنە، دائىرىلەرنىڭ روزا تۇتۇشنى چەكلەۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارمۇ كۆپەيگەن بولۇپ، ئۇيغۇربىز تورىدا 29-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلىنغان قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى دېھقانچىلىق تېخنىكا مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى ئابدۇخېلىل ئابلىمىتنىڭ روزا تۇتقانلىقى ئۈچۈنلا خىزمەتتىن توختىتىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە تارقالغاندىن كېيىن ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى. تۋىتىر تورىدا بىرەيلەن ئىنكاس قايتۇرۇپ «پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى روزا تۇتۇۋاتقان بۇ ئۇلۇغ ئايدا، ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشتەك ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقىمۇ تارتىۋېلىندى» دېگەن سۆزلەرنى يېزىپ ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.