بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى: شىنجاڭدىكى دىنىي چەكلىمە ئاساسى قانۇنغا خىلاپ
2013.11.29
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پروفېسسورى خې ۋېيفاڭ، ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، دىنىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە قويغان چەكلىمىسى ئاساسىي قانۇندىكى دىنىي ئەركىنلىككە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خې ۋېيفاڭ بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قويغان بىر قاتار سىياسىي ۋە دىنىي چەكلىمىلىرىگە باھا بەرگەندە قىلغان.
يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي مەكتەپ باشلىقلىرىنىڭ بىر قېتىملىق يىغىنىدا، سىياسىي ئۆتكەل ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈشىدە ئالدىنقى شەرت ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇشى، دىنىي قىياپەت بىلەن يۈرۈشىنى چەكلەش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خې ۋېيفاڭ يەنە: رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بۇ خىل رادىكال ئىدىيىۋى تەربىيىدە پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراشتىن ساقلانماق قىيىن، دېگەن.
ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، جۇڭگو ئاساسىي قانۇنىدا «پۇقرالار دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە» دەپ بەلگىلەنگەن. ھالبۇكى، دىنىي ئېتىقاد نوقۇل دىنىي تەۋەلىكنى ھېس قىلىشلا مەسىلىسى ئەمەس. ئۇ كىيىم-كېچەك، ئىبادەت، روزا تۇتۇش قاتارلىق كونكرېت ھادىسىلەردە ئىپادىلىنىدۇ.
خې ۋېيفاڭ: بىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ ئىسلامىي ئېتىقادى سەۋەبلىك بۇ ئىشلارنى قىلسا، بۇ ئۇنىڭ سىياسىي جەھەتتە خاتالاشقانلىقى ئەمەس، دېگەن.