كانادا باش مىنىستىرى سەيشەنبە كۈنى كانادا ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق بىر دىنىي ئەركىنلىك ئىشخانىسى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.
مەزكۇر ئىشخانا كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قارمىقىدا بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دىنىي باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان خەلقلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
تورونتودىكى ئەخمەدىيە مەسچىتىدە بۇ ھەقتە سۆز قىلغان كانادا باش مىنىستىرى ستېفېن خارپېر خىتاي، مىسىر ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە دىنىي باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان دىنىي گۇرۇپپىلارنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: دىنىي ئەركىنلىكنى دەپسەندە قىلىش دۇنيا مىقياسىدا كەڭ تارالغان ۋە بارغانچە ئېغىرلاشماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق كانادادىكى ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى يىللاردىن بۇيان كانادا ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس يوللاپ، كانادادا بىر دىنىي ئەركىنلىك ئىشخانىسى ئېچىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدى.