ئامېرىكا دىنى ئەركىنلىكى كومىتېتىنىڭ ئىككى ئەزاسى ھۆكۈمەتنى چېن چۈەنگونى جازالاشقا چاقىردى
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ۋە مىللىي ھوقۇقلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقان چېن چۈەنگو قاتارلىق ئەمەلدارلىرىنى جازالاش ھەققىدىكى تەلەپلەر كۈنسايىن كۈچەيمەكتە.
-
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-07-08 -
-
-
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ۋە مىللىي ھوقۇقلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقان چېن چۈەنگو قاتارلىق ئەمەلدارلىرىنى جازالاش ھەققىدىكى تەلەپلەر كۈنسايىن كۈچەيمەكتە.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق «خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىتېتى» نىڭ ئەزالىرىدىن تېنزىن دورجى ۋە گەرىي باۋېر ئامېرىكادىكى «دۆلەت مەجلىسى» تور ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى دەرھال خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كوممۇنىستىك پارتىيە سېكرېتارى چېن چۈەنگونى «ماگنېتىسكى قانۇنى» ئارقىلىق جازالاشقا چاقىرغان.
ئۇلار ماقالىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمغا قارشى ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتى ناھايىتى ئوچۇق بىر پوزىتسىيە بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك ئامىللىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتايغا قارشى كەسكىن بىر تەدبىر ئالمايۋاتقانلىقىنى، ئەمما دىنى ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بۇنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
ئۇلار، ترامپ ھۆكۈمىتى ھېچ بولمىغاندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ شۇنداقلا تىبەتتىكى مەزگىلىدە تىبەتلەرنىڭ دىنى ھوقۇقلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىشتا باش رول ئوينىغان چېن چۈەنگونى «ماگنېتىسكى قانۇنى» ئارقىلىق جازالىشى ۋە بۇ ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ زۇلۇمغا سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىدىن سىگنال بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ماقالىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە نۆۋەتتە داۋام قىلىۋاتقان ئېغىر زۇلۇمغا يانتاياق بولۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى جازالاش-ئامېرىكانىڭ ئەخلاقىي بۇرچى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.