ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئۇيغۇرارغا دىنىي زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلدى
2020.08.21
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى «خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئاساسىدىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا دىنىي زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تەكىتىشىچە، خەلقئارا جەمئىيەت دىنىي زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن ئادالەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك ئىكەن.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 21-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان باياناتىدا مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسى گېيل مانچىن «خەلقئارا جەمئىيەت ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ، زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئارقىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن ئادالەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، ھۆكۈمەتلەر ھەرىكەتكە كېلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە باشقا ۋەھشىلىكلەرگە ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى نامايان قىلىشى كېرەك» دېگەن.
باياناتتا يەنە خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تىپمى پېركىنسون بۇ كۈننى توغرا خاتىرىلەش ئۈچۈن دۆلەت ياكى غەيرىي دۆلەت ئېلېمېنتلىرىنىڭ دىنىي توپلارغا قارىتىلغان ھۇجۇملىرىنى ئېچىپ تاشلاش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ دائېشنىڭ ئىراقدىكى يەزىدىلەر، خرىستىيانلارگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، خىتايدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان خورلاش، بىرمادىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا ۋە خرىستىيانلىرىغا قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك ۋەھشىيلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
ب د ت 2019-يىلى 13-ماي كۈنى قارار ماقۇللاپ، ھەر يىلى 22-ئاۋغۇستنى «خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئاساسىدىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن. بۇ يىل 22-ئاۋغۇست بۇنىڭ 2-قېتىملىق خاتىرە كۈنىدۇر.