خىتايدىكى 20 دەك ئادۋوكات، ئاكادېمىك ۋە دىنىي زات خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا خەت يېزىپ، خىتاي دۆلەت كابىنېتى ئېلان قىلغان دىنىي پائالىيەتلەرنى باشقۇرۇش نىزامى دىنىي ئەركىنلىكنىڭ تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇلۇشىغا يول ئاچىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
خىتاي دۆلەت كابىنېتى بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا دىنىي پائالىيەتلەرنى باشقۇرۇش چارىسىنىڭ پىكىر ئېلىش لايىھەسىنى ئېلان قىلىپ، پىكىر ئېلىش سۈرىكى 7-ئۆكتەبىر توشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر لايىھىدە غەيرىي رەسىمى دىنىي پائالىيەتلىرىنى چەكلەش، تىبەت ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىچىدىكى «بۆلگۈنچىلەر»نى باستۇرۇشقا دائىر ئىنتايىن كونكرېت تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ تەدبىرلەر مەكتەپ ئورۇنلىرىدا ئىبادەت قىلىش، دىنىي پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش، توردا دىنىي تەبلىغ قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ئۇنىڭدا يەنە، شەخس ۋە گۇرۇھلارنىڭ پۇقرالارنى چەتئەلدىكى دىنىي كۇرس، يىغىن ۋە پائالىيەتلەرگە تەشكىللىشى چەكلىنىپ، «ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق ۋە چەتئەل كۈچلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارىتا ھوشيار تۇرۇشقا چاقىرىلغان.»
خىتاي خرىستىئان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىدىن لى گۇيشىڭ رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي دۆلەت كابىنېتىنىڭ خىتاي ئاساسى قانۇنىدىكى ئەركىنلىككە چەك قويۇش ھوقۇقى يوقلۇقىنى، دىنىي ئەركىنلىك ئاساسى قانۇنىدا قوغدالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
جاۋ فامىلىلىك بىر خىتاي پروتېستانت پوپىنىڭ ئامېرىكىدىكى «خىتاي ياردەم جەمئىيىتى» ناملىق خرىستىئان تەشكىلاتىغا بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر لايىھىدە يەرلىك ئاساسى قاتلام ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا قەدەر زور ھوقۇق بېرىلگەن. ئۇ، «بۇ لايىھە دىنىي ھاياتنى ئىمكانسىز ئەھۋالغا ئېلىپ بارىدۇ» دېگەن.