ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دىنىي ئەركىنلىك باياناتى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.11.17

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن 17-نويابىر كۈنى دىنىي ئەركىنلىكنىڭ تەبىرى ھەققىدىكى باياناتىنى ئېلان قىلدى ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش مەيدانىنىڭ ھېچقاچان ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر باياناتتا بىر قىسىم ھۆكۈمەتلەرنىڭ پۇقرالارنى دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك قولغا ئېلىش ۋە تۈرمىلەرگە قاماش، ھەتتا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشتەك قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى كەسكىن ئەيىبلەندى. شۇ قاتاردا خىتاي، بىرما قاتارلىق بىر قىسىم «ئالاھىدە تەشۋىشلىك دۆلەتلەر» نىڭ سىستېمىلىق ھالدا دىنىي ئېتىقاد زىيانكەشلىكىنى داۋام قىلدۇرۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلىپ «بىز بۇ خىلدىكى دىنىي ئېتىقادنى باھانە قىلىپ خەلقنى باستۇرۇشتەك قىلمىشقا ھەرگىزمۇ سۈكۈت قىلمايمىز» دېيىلىدۇ.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور تۇتقۇن ۋە لاگېر سىستېمىسى ھەققىدىكى سانسىزلىغان ئۇچۇرلار دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ئېتىقادنى «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇق» قا باغلاپ، بۇلارنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەمدە مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىكى باھانە قىلىۋالغانلىقىنى كۆپ قېتىم كۆرسەتكەنىدى. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغان، ھازىرقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېنمۇ ئۆزىنىڭ بۇ قارارنى تولۇق ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.