سام بروۋنبەك: «دىنىي ئەركىنلىك ئاسىيانىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان ئامىلدۇر! »
2024.07.26
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سابىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك توكيودا چاقىرىلغان «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنىدىن كېيىن، «كورېيە ۋاقتى» گېزىتىدە ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلىپ، «دىنىي ئەركىنلىك ئاسىيانىڭ كەلگۈسىنى بېكىتكۈچى ھەل قىلغۇچ ئامىل» دەپ كۆرسەتتى.
«لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت فوندى» نىڭ رەئىسى كاترىنا لەنتوسنىڭ ئورتاق ئاپتورلۇقىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدا، دۇنيا مىقياسىدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ دەپسەندە بولۇشى خۇلاسىلەپ چىقىلغان. شۇ قاتاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلام ئېتىقادىنى تەھدىت ھېسابلاپ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى كەسكىن ئەيىبلەنگەن.
ئاپتورلارنىڭ قارىشىچە، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن بىر سەپتە تۇرۇۋاتقانلاردىن بېرما ھۆكۈمىتى، شىمالىي كورېيە قاتارلىق مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر دىنىي ئېتىقادنى باھانە قىلغان ھالدا ئاسىيا تارىخىدىكى ئەڭ قاراڭغۇ سەھىپىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسىدە ئاسىيادىكى رايونلار ئارا توقۇنۇشى تېخىمۇ جىددىيلەشكەن. ئۇلار بۇنىڭغا مىسال تەرىقىسىدە دىنىي ئېتىقادقا بولغان ھۆرمەت مەۋجۇت بولغان مەزگىللەردە ئاسىيانىڭ گۈللەنگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئەكسى بولغاندا سەلبىي نەتىجىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاسىيادىكى دېموكراتىيەنىڭ ئەڭ يارقىن ۋەكىلى بولغان ياپونىيە ۋە كورېيەنىڭ «خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بىرلىكى» گە ئەزا بولمىغانلىقى تەنقىدلىنىپ، «ئۇلارنىڭ تېزدىن بۇ سەپكە قوشۇلۇشى ئاسىيادىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قاناتمۇ بۇ قېتىمقى مۇنبەرگە قاتناشقان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە يىغىن ئەھلىگە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن.