دائىرىلەر مورى ناھىيىسىدە «دىنىي رادىكاللىقنى تۈگىتىش» تەربىيىسىنى كۈچەيتكەن

خىتاينىڭ شىنجاڭ خەۋەر تورى 16-ئىيۇن پەيشەنبە كۈنىدىكى تەپسىلىي خەۋىرىدە، سانجى ئاپتونوم ئوبلاستىغا قاراشلىق مورى ناھىيىسىدىكى خىزمەت ئۆمىكىنىڭ ناھىيىدىكى يېزىلاردا ۋە چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدا ئېلىپ بارغان «دىنىي رادىكاللىقنى تۈگىتىش» تەربىيىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خەۋەردە مورى ناھىيىسىنىڭ ئۆزبېك يېزىسىغا چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ، مەزكۇر يېزىدا مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش يولى ئارقىلىق، «دىنىي رادىكاللىقنى يوقىتىش» تەربىيىسى ئېلىپ بېرىپ، دېھقان، چارۋىچىلار ئارىسىدا «4نى كۆپەيتىپ، 4 نى ئازايتقانلىقىنى يەنى تېخنىكا ئۈگىنىدىغانلار، باي بولغانلار، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدىغانلار، ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتىدىغانلار كۆپىيىپ، دىنىي سورۇنلارغا بارىدىغانلار، رادىكال ئىدىيىدىكىلەر، مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلغۇچىلار، ئىشسىز يۈرىدىغانلار ئازايغانلىقى»نى بىلدۈرگەن. خەۋەردە يەنە مورى ناھىيىسىدىكى يېزىلار ۋە چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدا پارتىيە ئەزالىرىنىڭ بايرام مەزگىلىدىكى ناماز قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق تەربىيىسىنى كۈچەيتىلگەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

نۆۋەتتە خەلقئارا تاراتقۇلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نامىدا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلسىمۇ، ئەمما ھەر خىل بەلگىلىمە، تۈزۈملەرنى چىقىرىپ، ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەۋاتقانلىقى ھەققىدە يەرلىكتىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللار خەۋەر قىلىنماقتا.