تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىڭ يېڭى دوكلاتىدا خىتاينىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىك» قالپىقىدىن قانداق پايدىلانغانلىقى شەرھلەنگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.02.21

كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئادرىيان زېنز يېقىندا «يېڭىچە باستۇرۇش: سىياسىي سىناق ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى قايتا تەربىيەلەش ھەرىكىتىنىڭ ئۆزگىرىشى» ناملىق بىر دوكلات ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى خىلمۇ خىل يەرلىك سىياسەتلەر ئارقىلىق سىناق قىلىپ بۈگۈنكى ھالغا ئېلىپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى نارازىلىقنى «دىنىي ئەسەبىيلىك» بىلەن باغلاپ، ئۇنى «دۆلەتكە تەھدىت» دەپ قارىغان؛ ئاندىن «دىنىي ئەسەبىيلىك» قالپىقى كىيگەنلەرنى بىر قانچە دەرىجىگە بۆلۈپ، ئادەم تۇتۇشنىڭ دائىرىسى ۋە كۆلىمىنى كېڭەيتكەن، شۇنداقلا قانچە ئادەم سولاش ۋە قانچە يىل سولاشنىڭ ئۆلچىمىنى بېكىتكەن. شۇنداق قىلىپ، «ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش ھەرىكىتى» ئەمەلىيەتتە مىليونلىغان ئادەمنى تۇتۇش، مېڭىسىنى يۇيۇش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ھەرىكىتىگە ئايلانغان ۋە تەرەققىي قىلغان.

گەرچە، بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېر سىستېمىسى شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى ئاستىدا شەكىللەنگەن، ئۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىشى تەس دەپ قارىسىمۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قەبىھ زوراۋانلىقى يېڭىچە سىياسەت، تاكتىكا ۋە ئۇسۇللار بىلەن داۋاملاشماقتا ئىكەن. دېمەك، بۇ سىياسەت ئاللىقاچان خىتاينىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە ئايلانغان بولۇپ، «باشقا مىللەتلەرنى ئېرىتىپ يوقىتىش، باستۇرۇپ يوقىتىش، ئۆزگەرتىپ يوقىتىش» غەرىزى ئۇلارنىڭ تۈپ نىشانى ئىكەن.

دوكتور ئادرىيان يەنە 14-فېۋرال كۈنى، ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ يىلدىن يىلغا ئېغىرلىشىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ قەبىھ سىياسەتنىڭ 2025-يىلغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.