دىنىي كىيىملەرنىڭ ئۇيغۇر قارىشىلىقىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغانلىقى مەلۇم
2015.03.28
خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىكى ئانالىزلاردا ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى كۈچەپ چەكلەۋاتقان دىنىي يوسۇندىكى كىيىم - كېچىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىشى تۇرۇشتىكى سىمۋولى بولۇپ قالغانلىقى كۆرسىتىلمەكتە.
خوڭكوڭدىن چىقىدىغان جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر پوچتىسى ئاگېنتلىقىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن بىر پارچە ماقالىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي يوسۇندىكى كىيىملىرىنى چەكلەش ھەرىكىتى كۆزلىگەن ئۈنۈم بېرىشنىڭ ئورنىغا ئەكس تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان.
ماقالىدە نەقىل قىلىشىچە، ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى تىموتي گروسې ۋە ئاۋسترالىيە لا تروبې ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى جەيمىس لەيبولدلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل قىلىشىچە، "دىنىي يوسۇندا كىيىنىش قارشىلىق كۆرسىتىش سىمۋولى ۋە ئۆزىنىڭ ئېتنىك مىللىي كىملىكىنى جاكارلايدىغان ۋاسىتىگە" ئايلانغان.
ماقالىدە كۆرسىتىشىچە، دىنىي يوسۇندا كىيىنىشنى كەڭ - كۆلەمدە قاتتىق چەكلەش خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى بىلەن كۈچىيىۋاتقان جىددىيچىلىك ۋە يىرىكلىشىشىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋېتىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل فېۋرالدىن باشلاپ مەخسۇس قانۇن ماقۇللاپ ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي يوسۇندا كىيىنىشنى چەكلىگەن ئىدى.