شاۋكەت ئىمىن، بۇرقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىمى ئەمەس، ئۇ رادىكال قىياپەت، دېدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن پەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدە كونسېرۋاتىپ ئىسلامى كىيىم-كېچەكلەرنىڭ چەكلىگەنلىكىنى ئاقلاپ، بۇرقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچىكى ئەمەس، ئۇ بىر خىل رادىكال كىيىم-كېچەك، دېگەن.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇرقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىيىم-كېچىكى ئەمەس بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە مۇسۇلمان ياكى باشقا ئەرەب ئەللىرىنىڭمۇ كىيىم-كېچىكى ئەمەسكەن. شاۋكەت ئىمىن بۇ سۆزلەرنى پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا چاقىرىلغان ئاخبارات يىغىنىدا قىلغان.

ئاخبارات يىغىنى «شىنجاڭ ئاق تاشلىق كىتابى» نىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىلغان ئىدى. ئاخبارات يىغىنىغا يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتناشقان. يىغىندا ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ يىل تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلقىدىن ئازايغانلىقىنى، بىراق تېررورلۇق ھەرىكىتىگە داۋاملىق قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرگەن.

شاۋكەت ئىمىننىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇ بۇرقا كىيگەنلەرنى كۆرسە، بۇ ئۇنىڭدا ئۇ مىللەت ھەقىقەتەن قالاق ئەھۋالدا قاپتۇ، دېگەن تۇيغۇ پەيدا قىلىدىكەن. ئۇ، «ئۇيغۇرلار ئاياللارنىڭ بۇنداق كىيىم كىيىشىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ» دېگەن.

لېكىن د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، شاۋكەت ئىمىننى تەنقىدلەپ، كىشىلەرنىڭ قانداق كىيىم كىيىشى ئۇلارنىڭ تۈپ كىشىلىك ھوقۇقى، بىراق ئۇيغۇر ئېلىدە يەرلىك ئۇيغۇرلار بۇ ھوقۇقتىن مەھرۇم قالدى، دېدى.