مۇتەخەسسىسلەر: خىتاينىڭ چۈمبەلنى چەكلىشى ئۇنى مىللىي قارشىلىقنىڭ سىمۋولغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ

بەزى چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ قانۇن-نىزام چىقىرىپ، دىنىي كىيىم-كېچەكنى چەكلىشى ئۇ كۈتكەن نەتىجە بەرمەيدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ئاۋسترالىيە لا تروپې ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ خىتاي مىللىي سىياسەت تەتقىقاتچىسى جەيمىس لەيبولد، «چۈمبەلگە قويۇلغان چەكلىمە ئۇنى قارشىلىقنىڭ تېخىمۇ ئەتىۋارلىق سىمۋولىغا ئايلاندۇرىدۇ ۋە مىللىي كىملىك ئىدىيەسنى كۈچەيتىدۇ» دېگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى 28‏-نويابىر قانۇن چىقىرىپ، دىنىي سىياققا چەكلىمە قويغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى 10‏-دېكابىر چىقارغان نىزامنامىدە، دىنىي كىيىملەرنى ئاممىۋى سورۇنلاردا مەنئى قىلغان ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، جەيمىس لەيبولد سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ يۈز، باش، بەدەننى يېپىشنى دىنىي ئاشقۇنلۇق ۋە زوراۋانلىققا باغلاپ قاراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ، ناھايىتى بىمەنە ۋە ئەكسىچە نەتىجە بېرىدىغان تېررورلۇققا تاقابىل تۇرۇش چارىسى» دەپ تەكىتلىگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە يەنە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىمسىزلىقنى خىتاينىڭ ئىسلام دىنى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى چەكلىشى پەيدا قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.