خىتاي سېكرېتار چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئېلىدە دىننى خىتايچىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.04.02

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي خىزمەتلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش پىلانىدا چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلىگەن.

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورى تارقاتقان خەۋەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 31-مارت كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەر دىنى زاتلار» سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، سۆھبەتكە قاتناشقان چېن چۈەنگو «شىنجاڭدا مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو چۈشىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پارتىيىنىڭ دىنىي ئىشلار سىياسىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى، دىنى پائالىيەتلەر ۋە دىنى خىزمەتلەرگە قارىتىلغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش» نى تەكىتلىگەن. ئۇ شۇنداقلا سۆزىدە «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش پىلانىنى ئىزچىل ئومۇملاشتۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىستىك ئىدىيەگە ماسلاشتۇرۇش» نى تەكىتلىگەن. 

كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، دىنىي كىتابلارنى ساقلاش، ساقال قويۇش، ياغلىق چىگىش قاتارلىق نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنىمۇ «دىنىي ئاشقۇنلۇق» قاتارىدا ھېسابلاپ جازالىماقتىكەن. يۇقىرىدىكىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلەرنىڭ لاگېرغا سولىنىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇپ قالغان ئىدى. 

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر «ۋەتەنپەرۋەر دىنى زاتلار سۆھبەت يىغىنى» غا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، لى پېڭشىن ۋە يېڭىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى جۇ خەيلۇننىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغان ۋاڭ جۈنجېڭ قاتارلىقلار تولۇق قاتناشقان. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە نۆۋەتتە «تېررورلۇق» ۋە «رادىكاللىق» بىلەن كۈرەش قىلىش دېگەن نام ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنى كىملىكىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت سىياسىتىنى داۋاملىق چىڭىتىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىماقتا.

بۇ يىل 1-ئايدا خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» بىر پارچە خەۋەر ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خىتايدىكى سەككىز ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلار بىلەن «ئىسلامنى سوتسىيالىزمغا ماسلاشتۇرۇش ۋە دىننىڭ خىتايلاشتۇرۇلۇشىدا ئېلىنىدىغان تەدبىرلەر» ھەققىدە پىكىر بىرلىكىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇنىڭ تەپسىلاتى ئېلان قىلىنمىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.