دۇنياغا داڭلىق «دىسنېي» (Disney) شىركىتى 2020-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا «مۇلەن» ناملىق فىلىمنى ئىشلىگەندىن كېيىن دۇنيا مىقياسىدا زور تەنقىدكە دۇچ كەلگەن ھەمدە «قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقان بىر ماكاندا بۇنداق بىر فىلىم ئىشلەش ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە خۇشامەت قىلغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېگەندەك پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. شۇ ۋەقەدىن كېيىن دىسنېي شىركىتىنىڭ رەھبەرلىرى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ شاھىتلىرى بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشۈش ۋە سۆھبەتلىشىش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. يېقىندا «دىسنېي» شىركىتىنىڭ ئۆزلىرى بەرگەن ۋەدىسىنى بىكار قىلغانلىقى ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، خەلقئارادا يەنە بىر قېتىم زور غۇلغۇلا كۆتۈرۈلدى.
9-ماي كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن جىم بانكس (Jim Banks)، مايك گاللاگېر (Mike Gallagher) قاتارلىق بەش كىشى «دىسنېي» شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى روبېرت ئىگېر (Robert Iger)گە كوللېكتىپ ئوچۇق مەكتۇپ يوللاپ، بۇ مەسىلىنى كەسكىنلىك بىلەن سۈرۈشتە قىلغان. مەكتۇپتا ئۇلار ئېنىق قىلىپ، «مۇلەن» فىلىمىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ئاشكارا قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان بىر ماكاندا سۈرەتكە ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ فىلىم تامام بولغاندا «تۇرپان شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك (ج خ) ئىدارىسى»، «ش ئۇ ئا ر ھۆكۈمەت تەشۋىقات بۆلۈمى» قاتارلىق ئورۇنلارغا تەشەككۈر ئېيتقانلىقىنى، بۇ ئورۇنلارنىڭ بولسا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جازا ئېلان قىلغان ساھەگە مەنسۇپ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
مەكتۇپتا ئۇلار «ئەينى ۋاقىتتا ‹دىسنېي› شىركىتى ‹مۇلەن› ناملىق فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا، شىنجاڭدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ۋە تەشۋىقات دائىرىلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلاشقان. بۇ ماھىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زۇلۇملىرىغا شېرىك بولغانلىققا باراۋەر. ھالبۇكى، ‹دىسنېي› شىركىتى ھېچقاچان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىغا شېرىك بولغانلىقى ياكى ئاشۇ قىرغىنچىلىققا ئىشتىراك قىلغان مۇئەسسەلەرگە مەدھىيە ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن جامائەتتىن ئەپۇ سورىغىنى يوق» دەپ كۆرسەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە روبېرت ئىگېردىن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، تېزدىن ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشنى تەلەپ قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئەينى ۋاقىتتا «مۇلەن» فىلىمى قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقان ماكاندا سۈرەتكە ئېلىنغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە تۈركىي خەلقلەرگە مەنسۇپ بولغان «مۇلەن» ئوبرازىنىڭ خىتايلاشتۇرۇلغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ «دىسنېي» شىركىتى ئارقىلىق ئېكرانغا ئېلىپ چىقىلىشى سەۋەبىدىنمۇ تەنقىدلەنگەن.
