شاڭخەيدىكى دىسنىي باغچىسىغا قاراشلىق مېھمانخانىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۆي بەرمەسلىك ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى تارقالغاندىن كېيىن زور غۇلغۇلىغا سەۋەب بولدى. بۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ ھەقتىكى ئېكران سۈرىتىنى ئېلان قىلىپ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كەمسىتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 19-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، دىسنىي شىركىتى بۇ مەسىلىنى ئەستايىدىل تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا بۇ خىلدىكى مەلۇم گۇرۇپپىغا تەۋە كىشىلەرگە ئۆي بەرمەسلىكنى «توغرا ئەمەس» دەپ كۆرسەتكەن. مەزكۇر ۋەقە يۈز بەرگەن ئەيشاباۋ مېھمانخانىسىنىڭ بىر خادىمى بولسا رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ساقچىلار بىزگە ئۇيغۇرلار كەلسە ئۆي بەرمەڭلار، دەپ بۇيرۇغان» دېگەن. ئەمما شاڭخەي ساقچى دائىرىلىرى بۇنى ئېتىراپ قىلمىغان ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.
دىسنىي شىركىتى ئۆتكەن يىلى «مۇلەن» فىلىمى سەۋەبلىك بىر قېتىم كەسكىن تەنقىدكە دۇچار بولغانىدى. بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاشكارا كەمسىتىش بىلەن چېتىلىپ قالغانلىقى يەنە بىر زور غۇلغۇلىغا سەۋەب بولدى.