دىسنىي شىركىتىنىڭ غايەت زور مەبلەغ سېلىشى بىلەن ئىشلەنگەن «مۇلەن» فىلىمى 2020-يىلىنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ خەلقئارانىڭ كەسكىن تەنقىدلىرىگە دۇچ كەلگەنىدى. بولۇپمۇ مەزكۇر فىلىم گۇرۇپپىسىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرغا قامىغان خىتاي ساقچى سىستېمىسىغا تەشەككۈر ئېيتىشى ھەممىلا ساھەنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلغان ئىشلارنىڭ بىرى بولغانىدى.
4-ئۆكتەبىر كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى نۇسرەت غېنى خانىم پارلامېنتتا مەخسۇس سۆز قىلىپ، دىسنىي شىركىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللارنى سورىغان پارلامېنت كومىتېتىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىلىپ تۇرۇپ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرغا قامىغان بىر ماكانغا بېرىپ فىلىم ئىشلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن باشقىنى ئويلىماسلىقتەك قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە پارلامېنت رەئىسىگە سوئال قويۇپ «بىز دىسنىي شىركىتىدىن چىرايلىقچە سوئال سورىساق ئۇلارنىڭ ئەنگلىيەدىكى ۋەكىلى يىغىنغا كېلىشنى ۋە سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئەنگلىيە پارلامېنتىنى كۆزگە ئىلمىغانلىقى ئەمەسمۇ؟» دېدى. شۇنىڭدەك دىسنىي شىركىتىنىڭ ئەنگلىيە پارلامېنتى ئالدىدا ھەمدە جامائەت ئالدىدا ئۆز مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىش مەسىلىسىگە قارىتا قانداق تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىدىغانلىقىنى سورىدى.
پارلامېنت رەئىسى بۇ سوئاللارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دىسنىي شىركىتىنىڭ بۇ سوئاللارغا جەزمەن جاۋاب بېرىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىىنى، شۇڭا ئۇلارنى قايتىدىن پارلامېنتقا چاقىرتىدىغانلىقىنى، ئەگەر بۇنىمۇ رەت قىلسا ئۇ ھالدا ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىىش ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە مەلۇم قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.