خىتاينىڭ ئامېرىكادىن داۋاملىق DNA ئەسۋابلىرىنى سېتىۋالغانلىقى ئاشكارىلاندى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى دائىرىلىرىگە د ن ئا ئەسۋابلىرىنى ساتماسلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، بىراق رايوندىكى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ يەنىلا ئامېرىكادىن يۈز مىڭلارچە دوللارلىق DNAئەسۋابلىرىنى سېتىۋالغانلىقى ئاشكارىلاندى. «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سودىغا ئائىت ھۆججەت ۋە توختاملارغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئامېرىكادىكى تېرمو-فېشىر ۋە پرومېگە شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان د ن ئەسۋابلىرىنىڭ داۋاملىق بۇ رايونغا سېتىلغانلىقىنى بايقىغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نەچچە يىل ئىلگىرىلا ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى خىتاي ساقچى ئورۇنلىرىغا د ن ئا ئەسۋابلىرىنى سېتىشىنى توسۇشقا باشلىغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە تەتقىقاتچىلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئەسۋابلارنى نازارەت سىستېمىسى قۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان. تىرامپ ھۆكۈمىتى 2019-يىلى شىركەتلەرنىڭ ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئامانلىق ئورگانلىرىغا ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى چەكلىگەن.

ۋاشىنگتون 2020-يىلى يەنە ئۇيغۇر ئېلىغا بىئولوگىيەلىك تېخنىكا ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنى ساتقان شىركەتلەرنىڭ «ئىناۋەت ۋە ئىقتىسادىي قانۇنى خەۋپكە» دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغانىدى. «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بۇ ئۈسكۈنىلەرنى قانداق سېتىۋالغانلىقى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، ھۆججەتلەردە قايسى ئامېرىكا شىركىتىنىڭ بۇ ئەسۋابلارنى خىتايغا سېتىپ بەرگەنلىكى كۆرسىتىلمىگەن.

بىراق خەۋەردە، شىنجاڭ ساقچىلىرىنىڭ ئامېرىكا ئىشلەپچىقارغان DNA ئۈسكۈنىلىرىنى داۋاملىق سېتىۋېلىشى ۋە ئىشلىتىشى ئامېرىكا كارخانىلىرى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئاخىرقى بېكىتى توغرىسىدا سوئال پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.