ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر كومىتېتى خىتاينىڭ تېررورلۇق مەسىلىسىدىكى سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر كومىتېتى پەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقى مۇرەككەپلىكىنى، چۈنكى ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتى، قانۇن سىستېمىسى، ئىدېئولوگىيەلىك قىممەت قارىشى پەرقلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئامېرىكا-خىتاي بىخەتەرلىك، ئىقتىسادىي كۆزىتىش كومىتېتى» نىڭ مەزكۇر دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، ئىككى دۆلەتنىڭ پورت، كونتېينىر (يۈك ساندۇقى) بىخەتەرلىكى، ھاۋا يوللىرى تەكشۈرۈشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى كۈچەيگەن بولسىمۇ، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان.

دوكلاتتا يەنە، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى نۇقتىلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا مەركەزلەشكەنلىكىنى، ئەمما «خىتايدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى تەپسىلىي ۋە مۇستەقىل دەلىللەشكە يېتەرلىك ئۇچۇر بولمىغاچقا، ئۇنى ئېنىقلاش، ھېسابلاش، ئۇنىڭ چەك-چېگرىسىنى بېكىتىش قىيىنغا توختاپ كەلدى» دېيىلگەن.

دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ دىنىي ۋە مىللىي سىياسىتى تېررورلۇققا تۈرتكە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ، دېگەن پىكىرنى داۋاملىق رەت قىلىپ كەلگەن.

دوكلاتتا يەنە، 2012 - يىلى بىلەن 2014‏-يىلى ئارىلىقىدا خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا خىتاي پۇقرالىرىنى نىشانى قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇملارنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.