ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە خىتاي دۆلەت شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكىدا شىركەت سېتىۋېلىشىنى چەكلەش ھەققىدە تەكلىپ سۇنۇلدى
2016.11.16
ئامېرىكا، خىتاي ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرىنى كۆزىتىش كومىتېتى بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە بىر دوكلات سۇنۇپ، خىتاي دۆلەت شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكىدا شىركەت سېتىۋېلىشى ياكى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىشىنى چەكلەش توغرىسىدا تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويغان، رويتىرسنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، مەزكۇر دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈچلۈك بىر قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە «نېمە ئۈچۈن بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىدا شىركەت قۇرۇشىنى چەكلەيمىز، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە يول قويىمىز؟» دېيىلگەن.
مەزكۇر كومىتېت يەنە، ئامېرىكىنىڭ چەتئەل مەبلىغىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى ۋە فۇنكسىيەسىنى كۈچلەندۈرۈش ئارقىلىق خىتاي دۆلەت شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكىدا شىركەت سېتىۋېلىشىنى پۈتۈنلەي توسۇشنى تەشەببۇس قىلغان.
خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ چەتئەل مەبلىغىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى يېقىنقى بىر- ئىككى يىلدىن بېرى خىتاي دۆلەت شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى تەسىرىنىڭ كېڭىيىشىنى بەلگىلىك دەرىجىدە تىزگىنلىگەن. دونالد ترامپ ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، بۇ كومىتېتتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىش ئېھتىماللىقى بولغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرىنى كۆزىتىش كومىتېتى يۇقىرىقى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان.









