فىلىپپىن بىلەن خىتاينىڭ دېڭىز تەۋەلىكى دەتالىشى ئۆتكۈرلەشكەن مەزگىلدە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر فىلىپپىننى زىيارەت قىلدى.
رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاشتون كارتېرنىڭ چارشەنبە كۈندىكى زىيارىتى ئامېرىكا-فىلىپپىن ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، كارتېر بۇ نۆۋەتلىك زىيارىتى جەريانىدا يەنە فىلىپپىن ئامېرىكىغا ئىشلىتىشكە بەرگەن 5 ھەربىي بازىنىڭ بىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدىكەن.
خىتاي جەنۇبىي دېڭىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۆزىنىڭ دەپ قاراپ، سپراتېل ۋە پاراسېل ئاراللىرى تەۋەسىدىكى بىر قىسىم خادا تاشلارنى تىندۇرۇپ سۈنئىي ئاراللارنى ياساشقا باشلىغان.
خىتاينى بۇ قىلمىشى مەزكۇر دېڭىزغا چېگرىلىنىدىغان فىلىپپىن، بىرۇنېي، مالايشىيا ۋە ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلىرىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈشىگە ئۇچرىغان.
ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي فىلىپپىنغا قاراشلىق سكاربورو ئارىلىغا يېقىن بىر جايدىمۇ تەكشۈرۈشنى باشلىغان، شۇ ۋەجىدىن فىلىپپىن خەلقئارا سوتقا ئەرز سۇنغان ئىدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خەلقئارا سوت ھۆكۈمى ئالدىمىزدىكى ئىككى ھەپتە ئىچىدە چىقىدىغان بولسىمۇ، خىتاي فىلىپپىننىڭ ئەرزىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان «يېڭى ئامېرىكا خەۋپسىزلىكى» تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى پاترىك كورنىن، سوت ھۆكۈمى چىقىشتىن ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان مەزكۇر زىيارەتنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئاشتون كارتېر ئاسىيا سەپىرىگە ئاتلىنىش ھارپىسى نيۇيوركتا سۆزلىگەن سۆزىدە جەنۇبىي دېڭىز رايونىدىكى ئەللەرنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
