نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىۋاتقان، رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە نورمال دىنىي ئەركىنلىك قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتاي دۆلەتلىك ج خ مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر دىيارىغا مەخسۇس سەنئەت ئۆمىكى ئەۋەتىپ، رايوندىكى ساقچىلاردىن «ھال سورىغان».
«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بۈگۈن، يەنى 6-ئىيۇندىكى ۋىدىيولۇق خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى 3-ئىيۇن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدە «ھال سوراش» سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن. خەۋەردە مەزكۇر كېچىلىكنىڭ ئاساسىي مەقسىتى رايوندىكى ھەرقايسى قاتلامدىكى ساقچى خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قىلىۋاتقان «ئالدىنقى سەپ» خىزمەتلىرىنى «مەدھىيەلەش» ۋە «ئىلھاملاندۇرۇش» ئىكەنلىكى تەشۋىق قىلىنغان.
خەۋەردە يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاساسىي قاتلام ساقچى خادىملىرىنىڭ «قوشماق تۇغقان» لىرىنىڭمۇ قاتناشقانلىقى نۇقتىلىق تىلغا ئېلىنغان.
مەزكۇر ۋىدىيولۇق خەۋەردە سەنئەت كېچىلىككە رىياسەتچىلىك قىلغان خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئايال خادىمى كېچىلىك ھەققىدىكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ، 2006-يىلىدىن ھازىرغىچە ئۇيغۇر دىيارىغا تۆت قېتىم ئويۇن قويغىلى كەلگەنلىكىنى، بۇ قېتىم رايوننىڭ تېخىمۇ تىنچ ۋە مۇقىم بولغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلغانلىقىنى ئالاھىدە ئېيتىپ ئۆتكەن.
خەۋەردە يەنە خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر، خوتەن قاتارلىق شەھەرلەر ۋە بىڭتۈەنگە بېرىپ ئويۇن قويىدىغانلىقى، بۇ كېچىلىكنىڭ تىبەت رايونىغا قەدەر كېڭىيىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئېلىپ، رايوندا دۆلەت تېررورلۇقى يۈرگۈزۈۋاتقان بىر پەيتتە، ئاتالمىش «ھال سوراش» نامىدىكى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشى شۇنداقلا بۇنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئەڭ سەزگۈر بولغان تىبەت رايونىدىمۇ ئۆتكۈزۈلۈشى دىققەت قوزغىدى.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قىلمىشى ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى ساقچى تارماقلىرىنى رايوندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە ئىلھاملاندۇرۇۋاتقانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا.
