ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى تەيۋەننى زىيارەت قىلغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.08.15
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پېلوسى تەيۋەننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى كۈنسايىن جىددىيلىشىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى تەيۋەنگە يېتىپ كېلىپ ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان.

رويترېس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى شەرقىي ئاسىيا مۇناسىۋەتلىرى، ھىندۇ-تىنچ ئوكيان تور بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئېد ماركى (Ed Markey)،  ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى يادرو قورال ۋە ھەربىي قوراللارنى كونترول قىلىش گۇرۇپپىسى ئەزالىرىدىن جون گارامېندى (John Garamendi) ، دون بىيىر (Don Beyer) قاتارلىق تۆت نەپەر كېڭەش پالاتا ئەزاسى 15-ئاۋغۇست كۈنى ئەتىگەندە تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن بىلەن كۆرۈشىدىكەن. ئۇلارنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى ھىندۇ-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئېلىپ بارىدىغان كەڭ دائىرىلىك زىيارىتىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدىكەن.

تەيۋەن پرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ بۇ زىيارەت ھەققىدىكى باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي مەشقلىرى داۋاملىشىۋاتقان، تەيۋەنگە سېلىۋاتقان تەھدىت-بېسىملىرى كۈچىيىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ئېد ماركى باشچىلىقىدىكى بۇ ئۆمەكنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىشى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەيۋەننى قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى».

خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى چوقۇم ‹بىر خىتاي پرىنسىپى› بويىچە ئىش قىلىشى كېرەك؛ ئۆتكەنكى زىيارەت ئامېرىكانىڭ تەيۋەننى قالايمىقان قىلىش، خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىش غەرىزىنى كۆرسەتتى» دېگەن. 

ئامېرىكا دۆلەت خەپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ باياناتچىسىمۇ سۆز قىلىپ: «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى نەچچە ئون يىلدىن بېرى تەيۋەننى زىيارەت قىلىپ كەلدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى زىيارەتمۇ ئامېرىكانىڭ بىر خىتاي سىياسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئۆمەك تەيۋەن رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋىتى، رايون بىخەتەرلىكى، تاشقى سودا ،مەبلەغ سېلىش، مال تەمىنلەش لىنىيەسى، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

ئەلجەزىرە قانىلىنىڭ  13-ئاۋغۇست كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرى بىلەن ئايروپىلانلىرى ئالدىمىزدىكى بىر نەچچە ھەپتىدە تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتىدىكەن؛ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ مەسلىھەتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى جىددىي ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئامېرىكا يەنىلا خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە تەيۋەن بوغۇزىدا ئەركىن ھەرىكەت قىلىدىكەن.  

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
قىسقا خەۋەرلەر
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.