د ئۇ ق ئىجرائىيە مۇدىرى دولقۇن ئەيسا «ترۇمېن-رېگان ئەركىنلىك مېدالى» غا ئېرىشتى
2016.03.18
د ئۇ ق نىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى دولقۇن ئەيسا 2016-يىللىق ئامېرىكا «ترۇمېن-رېگان ئەركىنلىك مېدالى» غا ئېرىشكەن. مەزكۇر مېدال ئامېرىكا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە ۋەخپى» تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر مېدال 2015- يىلى كۇبالىق دوختۇر ۋە ئۆكتىچى ژۇرنالىست گۇلېرمو فارىناس، رۇسىيەلىك ژۇرنالىست ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئالىكساندىر پودرابېنىك، خىتاي ئۆكتىچى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى چېن گۇاڭچىڭغا بېرىلگەن ئىدى.
«كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە مەخپىي» بۇ يىل مەزكۇر مېدالنى دولقۇن ئەيساغا لايىق كۆرگەن. مەزكۇر ۋەخپىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «‹ترۇمېن-رېگان ئەركىنلىك مېدالى› ھاياتىنى ئەركىنلىك، دېموكراتىيىگە ئاتىغان، كوممۇنىزم ۋە ئىستىبداتلىقنىڭ باشقا بارلىق شەكىللىرىگە قارشى تۇرغان شەخس ۋە گۇرۇھلارغا بېرىلىدىكەن.»
ئۇيغۇر رايونىنىڭ كەلپىن ناھىيىسى يورچى بازىرىغا تۇغۇلغان دولقۇن ئەيسا، ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. ئەمما 1988-يىلى «تەڭرىتاغ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نى تەشكىللەشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، شۇ يىلى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىگە قارشى «15-ئىيۇن نامايىشى» دىكى رولى سەۋەبلىك مەكتەپتىن قوغلانغان.
1994-يىلى تۈركىيەگە قېچىپ چىققان دولقۇن ئەيسا، 1996-يىلدىن كېيىنكى ھاياتىنى گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈۋاتقان ئىدى. ئۇ گېرمانىيەدىكى 20 يىللىق ھاياتىدا دۇنيا ئۇيغۇر ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى، ئىجرائىيە مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرغان ياكى ئاتقۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئۇ مۇكاپاتنى 30-مارت تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.









