ھىندىستان ئەلچىخانىسى دولقۇن ئەيساغا ۋىزا بەردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2016.04.21

ھىندىستاندىكى «دېككان خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا ساقچىغا «تېررورچى» دەپ مەلۇم قىلغان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى دولقۇن ئەيسا يېقىندا ھىندىستان ئەلچىخانىسىدىن ھىندىستانغا بېرىش ۋىزىسى ئالغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 1-مايغىچە ئامېرىكىدىكى «خىتاي پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتى ھىندىستاننىڭ دارامسالا شەھىرىدە ئۇيۇشتۇرغان «خەلقلەرنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن ھەمكارلىقىمىزنى ئاشۇرايلى: ئەركىنلىك، ئادالەت، باراۋەرلىك ۋە تىنچلىق» ناملىق خەلقئارا يىغىن ئۆتكۈزۈلىدىكەن. د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسا بۇ قېتىم د ئۇ ق ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ مەزكۇر قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىكەن. بۇ قېتىمقى خەلقئارا يىغىنغا خىتاي دېموكراتلىرى، خىتاي سىرتىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل ۋەكىللىرى، شۇنداقلا تەيۋەن، خوڭكوڭ ۋە ماكاۋ (ئاۋمېن) ۋەكىللىرى قاتنىشىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى دارامسالا شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، تىبەتلەرنىڭ مەنىۋى داھىيسى دالاي لاما بۇ قېتىم ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.