ئامېرىكانىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسى تۋىتتېر ئارقىلىق دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى تەبرىكلىدى

ئامېرىكانىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسى تۋىتتېر تورى ئارقىلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى تەبرىكلىدى.

نۆۋەتتە نيۇ-يوركتا ب د ت نىڭ يەرلىك مىللەتلەر مەسىلىسى مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ نۆۋەتتە ئۇچراۋاتقان ئىنسانىي خورلۇقلىرى، تىل ۋە مەدەنىيەت چەكلىمىلىرى، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئىككى مىليوندىن ئارتۇق بىگۇناھ ئىنساننىڭ چېكىۋاتقان ئازابلىرى ھەققىدە سۆز قىلغان شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا جىددىي مۇئامىلە قىلىشنى ۋە جازا لاگېرلىرىنىڭ تاقىلىشى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تۋىتتېردىكى رەسمىي سۇپىسىدا تۆۋەندىكىلەرنى بىلدۈرگەن: «كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ب د ت دا بېسىم ۋە تەھدىتكە ئۇچرىماي تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتالىشى كېرەك. بىز دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ب د ت دا شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىمكانىغا ئېرىشكەنلىكىدىن مەمنۇن بولدۇق.»

تۋىتتېردىكى بۇ تەبرىك خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە ئىككى خىل تىلدا ئېلان قىلىنغان. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇنى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى ب د ت دىكى ھەرىكەتلىرىنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان خىتايغا بېرىلگەن بىر سىگنال، دەپ قارىماقتا.

يېقىندا خىتاينىڭ ب د ت دىكى سابىق ئەمەلدارى ۋۇ خوڭبو خىتايدىكى بىر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىغا قاتناشقاندا ئۆزىنىڭ «مەركىزى گېرمانىيەدە بولغان شىنجاڭلىق مۇستەقىلچى ۋە بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ ۋەكىلىنى ب د ت يىغىن مەيدانىدىن ھەيدەپ چىقارغانلىقى» ھەققىدە داۋراڭ سالغان ئىدى. بىراق د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق مەزكۇر ئەمەلدارى ب د ت بىخەتەرلىك كۈچلىرىگە «دولقۇن ئەيسا خەلقئارا ساقچىدا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچى» دېگەن يالغان مەلۇماتنى بېرىپ، ئۇنى شۇ قېتىم يىغىن زالىدىن چىقىرىۋېتەلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ مەسىلىگە ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ب د ت نىڭ جىددىي ئارىلىشىشى سەۋەبلىك دولقۇن ئەيسا ب د ت يىغىن مەيدانىغا قايتىدىن كىرىپ، خىتاي تەرەپنى مات قىلغان ئىكەن.