ئامېرىكا دىپلوماتلىرى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئانىسىنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى دېموكراتىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل باش ئەلچىسى مايكېل كوزاك بىلەن دىنىي ئەركىنلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك ئۆتكەن جۈمە كۈنى دولقۇن ئەيساغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنىڭ ئانىسى ئايخان مەمەتتىن ئايرىلىپ قالغانلىقىغا «سەمىمىي تەزىيەلىرى» نى بىلدۈرگەن.

تەزىيەنامىدە، «بىز ئانىڭىزنىڭ دەپنە مۇراسىمىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قائىدە-يوسۇنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە ئۆتكۈزۈش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشىڭىز رەت قىلىنىپ، سىزنىڭ قايغۇڭىزنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرغانلىقىنى چۈشىنىمىز. بىز سىزنىڭ دۇنيانى شىنجاڭدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ تەقدىرىگە دائىر ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشتە ھالقىلىق رول ئويناۋاتقانلىقىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمىز» دېيىلگەن.

دولقۇن ئەيسانىڭ ئانىسى مەرھۇم ئايخان مەمەت خانىم بۇ يىل 5‏-ئاينىڭ 17-كۈنى 78 يېشىدا ئاقسۇدا ۋاپات بولغان ئىدى. دائىرىلەر ئۇچۇرنى قاتتىق كونترول قىلغاچقا دولقۇن ئەيسا ئانىسىنىڭ ۋاپاتىدىن خېلى مەزگىلگىچە خەۋەر تاپالمىغان. ئۇ 1994‏-يىلى چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن 24 يىلدىن بېرى ئانىسىنى كۆرۈپ باقمىغان. ئۇنىڭ ئائىلىسى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىزچىل تەقىبى ئاستىدا ياشاپ كەلگەن ئىدى.

مايكېل كوزاك ۋە سام بروۋنبەك يوللىغان تەزىيەنامىسىدە يەنە، ئۆزلىرىنىڭ كوللېكتىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ۋە خىتايدىكى پۈتۈن خەلقلەر تۈپ ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغان شۇ كۈن ئۈچۈن ئىزدىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «سىز ئۆز خەلقىڭىزنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن زور بەدەللەرنى تۆلىدىڭىز.

ئەپسۇسكى، سىزنىڭ جاسارىتىڭىز ۋە پائالىيىتىڭىز سىز تۆلەشكە تېگىشلىك بولمىغان ئېغىر بەدەللەرگە توختىدى. بۇ ئېغىر كۈنلەردە بىزنىڭ كۆڭلىمىز ۋە دۇئايىمىز سىز ۋە سىزنىڭ ئائىلىڭىزدە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭىزنى سورايمىز» دېيىلگەن.

ئەپسۇسكى، سىزنىڭ جاسارىتىڭىز ۋە پائالىيىتىڭىز سىز تۆلەشكە تېگىشلىك بولمىغان ئېغىر بەدەللەرگە توختىدى. بۇ ئېغىر كۈنلەردە بىزنىڭ كۆڭلىمىز ۋە دۇئايىمىز سىز ۋە سىزنىڭ ئائىلىڭىزدە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭىزنى سورايمىز» دېيىلگەن.