ئۇيغۇرلارنىڭ دۇبەيدە قاماقخانىغا سولانغانلىقى ئاشكارىلانغان

«بىرلەشمە ئاگېنتلىق» نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇبەيدە تۇتۇلۇپ قالغان بىر خىتاي ئايال دۇبەيدىكى بىر قاماقخانىدا ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە قامالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بۇ ئايالنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ خىتاينىڭ باشقۇرۇشىدىكى بىر مەخپىي قاماقخانىغا 8 كۈن سولانغان بولۇپ، قاماقخانىدا ئاز دېگەندە ئىككى ئۇيغۇرنى كۆرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىگە قايتۇرۇلۇشتىن قېچىپ يۈرگەن بۇ ئايال، دۇبەيدىكى بىر مېھمانخانىدا تۇتۇلۇپ گۆرۈگە ئېلىنغان بولۇپ، خىتاي خادىملىرى ئۇنى داچىدىن تۈرمىگە ئۆزگەرتىلگەن بىر ئۆيگە قاماپ قويغان، خىتايلار ئۇنى سوراق قىلىپ، ھۆكۈمەتكە قارشى گەپ قىلغان ئوغۇل دوستىنى تېپىپ بېرىشكە قىستىغان. بۇ ئايال ئۇ يەردە ئىككى ئۇيغۇر مەھبۇسنى كۆرگەن، ئاۋازىنى ئاڭلىغان. ئۇ 6-ئاينىڭ 8-كۈنى تۈرمىدىن قۇتۇلۇپ چىققاندىن كېيىن، گوللاندىيەدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «قارا تۈرمە» گەرچە خىتايدا كۆپ ئۇچرايدىغان جىنايەت ئۇۋىسى بولسىمۇ، بۇ ئايالنىڭ بەرگەن مەلۇماتى خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى «قارا تۈرمىسى» ھەققىدە بېرىلگەن تۇنجى مەلۇمات ھېسابلىنىدىكەن. خىتاي ئۆزىنىڭ چەت ئەلدىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، بۇ خىل قاماقخانىلارنى قۇرۇپ ئۆزلىرى قايتۇرۇپ كەتمەكچى بولغان ئادەملەرنى سولاپ قويىدىكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتايغا قارشى گەپ قىلغان ئۆكتىچىلەر، پارىخور ئەمەلدارلار ۋە ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئاز سانلىق مىللەتلەر بار ئىكەن.