«ھەپتىلىك خەۋەرلەر»: دۇبەيدىكى كىلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەك

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2023.12.01

ئامېرىكانىڭ «ھەپتىلىك خەۋەرلەر»  (Weekly News) تورىنىڭ 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەكرەم كېرەم نامىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، دۇبەيدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان «كىلىمات ئۆزگىرىش باشلىقلار يىغىنى» دا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىش ۋە بۇ كىرىزىسىنى ھەل قىلىش كېرەكلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

ماقالىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان رەھبەرلەر كىلىمات كىرىزىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك  ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشى كېرەكلىكى دېيىلگەن ھەمدە خىتاينىڭ  بازارغا سېلىۋاتقان پاكىز ئېنېرگىيەسىنىڭ ئارقىسىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سەتچىلىكى قايتا تىلغا ئېلىنغان. 

ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي شىركەتلىرى ھۆكۈمەتنىڭ كۈچلۈك قوللىشى بىلەن، مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بەدىلىگە يېشىل ئېنېرگىيەدە داۋاملىق باشلامچى بولۇۋاتىدۇ. خىتايدىكى 30 دىن ئارتۇق شىركەت مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى. كىلىمات ئۆزگىرىشىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان رەھبەرلەر مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئالاقىسى يوق پاكىز ئېنېرگىيەنى تەۋسىيە قىلىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك».

 ماقالىنىڭ ئاخىرىدا، كىشىلىك ھوقۇق بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشى ئوتتۇرىسىدا سودا بولماسلىقى كېرەكلىكى، كىلىمات ھەمكارلىقى بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى قوللاش ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش بولمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بولۇپمۇ خىتاي دىكتاتورى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزگىلدە، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ كىلىمات دىپلوماتىيەسى ۋە سۆھبىتىدە كەم بولسا بولمايدىغان مەسىلە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.