دۇنيا بانكىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى «كەسپىي تەربىيەلەش پروگراممىسى» غا قەرز بېرىشنى توختاتتى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-11-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇنيا بانكىسى 11‏-نويابىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى «كەسپىي تەربىيەلەش پروگراممىسى» بېرىۋاتقان قەرزنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يېقىندا دۇنيا بانكىسىنىڭ خىتاي بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، 2015‏-يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى «خوتەن ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئالىي تېخنىكومى»، «شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىسازلىق ئىنستىتۇتى» قاتارلىق 5 مەكتەپنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش پروگراممىسى» غا 50 مىليون دوللار قەرز بېرىپ كېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىپ، زور غۇلغۇلا قوزغىغان.

ئامېرىكادىكى «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى بىر ماقالىدە، بىر مەكتەپنىڭ بۇ پۇلغا «تىكەنلىك سىم، ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىش ئەسۋابى ۋە قوغدىنىش سايمانلىرى» نى سېتىۋالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

دۇنيا بانكىسى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، «مەزكۇر پروگراممىغا ئالاقىدار مەكتەپلەرنىڭ تارقاقلىقى، ئۇلارنى نازارەت قىلىشنىڭ مۈشكۈللۈكى نەزەردە تۇتۇلۇپ، مەزكۇر پروگراممىنىڭ كۆلىمى ۋە دائىرىسى كىچىكلىتىلدى. بولۇپمۇ پروگراممىنىڭ شىنجاڭدىكى مەكتەپلەرگە چېتىشلىق ھەمكارلىق تۈرىگە خاتىمە بېرىلدى» دېيىلگەن.

مەزكۇر پروگراممىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقىلارنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارنىڭ زور بىر قىسمىنى پاختا-توقۇمۇچىلىق كارخانىلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان، ئۇنىڭ بۇ ھەرىكەتنى «كەسپىي تەربىيەلەش» نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئاشكارىلىنىشى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.

دۇنيا بانكىسىنىڭ باياناتچىسى ئۆتكەن ئايدا رادىيومىزغا بەرگەن باياناتىدا، دۇنيا بانكىسىنىڭ قەرز پۇلنىڭ قانداق ئورۇنلارغا ئىشلىتىلگەنلىكىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. لېكىن، فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 11‏-نويابىر كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيا بانكىسى ئۆزلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يۇقىرىقى 5 مەكتەپكە بېرىلگەن قەرز پۇلنىڭ «نامۇۋاپىق ئورۇنغا ئىشلىتىلگەنلىكىگە دائىر دەلىل تاپالمىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت