«دۇنيا قاچقۇنلار كۈنى» دە تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار ئەسلەندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-06-19
Share

ھەر يىلى 20-ئىيۇن كۈنى «دۇنيا قاچقۇنلار كۈنى» بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) بۇ كۈندە ھەممىلا شەخس ۋە تەشكىلاتلارنى قاچقۇنلار مەسىلىسى بويىچە تۈرلۈك ھىمايىچىلىق پائالىيەتلىرىدە بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. بۇ يىلقى خاتىرە كۈن ھارپىسىدا ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنى تايلاند تۈرمىسىدە قاماقلىق ئۇيغۇر قاچقۇنلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

باياناتتا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تېزدىن قويۇپ بېرىلىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتتە يېڭى ھاياتلىق ماكانى بەرپا قىلىشى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە «تۈرمىدىكى بۇ ئۇيغۇرلار ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولغىلى بەش يىل بولدى. ئەگەر ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلسا ئۇلار ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ،» دېيىلىدۇ.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات بۇ ھەقتە توختىلىپ «شەرقىي تۈركىستاندىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن باستۇرۇشنى كۆزدە تۇتقاندا باشقا دۆلەتلەر گېرمانىيە ۋە شىۋېتسىيەدىن ئۈلگە ئېلىشى، شۇنداقلا سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە قاچقۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلتىماسىنى تېزلەشتۈرۈپ بىر ياقلىق قىلىشى لازىم،» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2015-يىلى 173 نەپەر ئۇيغۇر قاچقۇن تۈركىيەگە يەرلەشكەندىن كېيىن تايلاند ھۆكۈمىتى 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاچقۇننى مەجبۇرىي يوسۇندا خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ھەمدە پۈتۈن دۇنيانىڭ قاتتىق ئەيىبلەشلىرىگە دۇچ كەلگەن ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولماي كېلىۋاتقان بولۇپ، تېخىچە تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر قاچقۇنلارنىڭمۇ ئوخشاش تەقدىرگە مۇپتىلا بولۇش ئېھتىماللىقى ھەر ساھە كىشىلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپ كەلگەن ئىدى.

خەۋەرلەردە تايلاند تۈرمىسىدىكى 49 ئۇيغۇر قاچقۇننىڭ ئىنتايىن ناچار تۇرمۇش شارائىتىدا تۇرۇۋاتقانلىقى، ھازىرغىچە بۇ تۇتقۇنلاردىن ئۈچ ياشلىق بىر ئوغۇل بالا ۋە 27 ياشلىق بىلال ئىسىملىك بىر يىگىتنىڭ تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. مالايشىيانىڭ باش مىنىستىرى ماخاتىر مۇھەممەد بۇ ئۇيغۇر قاچقۇنلار ھەققىدە سۆز قىلىپ «ئۇلار بۇ دۆلەتتە ھېچقانداق خاتا ئىش قىلمىغاندىكىن، ئۇلارنى قويۇپ بېرىش لازىم» دېگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت