خىتايدا تارقىتىلىدىغان «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى تورى» دەپ ئاتالغان تۇڭگانلارنىڭ مەخسۇس تور بېتىدە «ئىككىنچى قېتىملىق دۇنيا ياغلىق كۈنى پائالىيىتى» ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، توردىكى مەزكۇر پائالىيەتكە 100 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان.
88 پارچە يازما تور باھالىغۇچىلىرى تەرىپىدىن باھالىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى پارچە يازما يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن. مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئاممىۋى پائالىيەت ئىكەنلىكى مەلۇم.
«جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى تورى» دەپ ئاتالغان تۇڭگانلارنىڭ خىتاي تىلىدىكى مەزكۇر تور بېتىدە تۇڭگان خانىم-قىزلىرىنىڭ مۇسۇلمانچە كىيىنگەن سۈرەتلىرى كۆپلەپ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نىڭشا، گەنسۇ ۋە باشقا جايلاردىكى تۇڭگانلار ئارىسىدا خانىم-قىزلارنىڭ ئىسلامىي قائىدە بويىچە كىيىنىشى ۋە ئورۇنۇشىغا چەك قويۇش يوق ئىكەن.
«جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى تورى» دىكى يازمىلار ۋە ئىنكاسلاردا خانىم-قىزلارنىڭ ئۇرۇنۇپ، ياغلىق ئارتىپ يۈرۈشلىرى تەشەببۇس قىلىنغان. ئامېرىكىدىكى فروستبۇرگ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۇڭگان مىللىتىدىن بولغان پروفېسسورى ما خەييۈن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويۇلغان مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا دىنىي ئۇسۇلدا كىيىنىش ھەتتا ياغلىق ئارتىشى قاتارلىقلارنى چەكلىشى نىڭشا، گەنسۇ ۋە باشقا جايلاردىكى بىر قىسىم تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا نارازىلىق پىكىرلىرىنى پەيدا قىلغان. چۈنكى، نىڭشا، گەنسۇ قاتارلىق جايلاردا تۇڭگانلارغا قارىتا مۇنداق بەلگىلىمە چىقىرىلمىغان ئىدى.
